UyghurWiki
UyghurWikiنەمەتىلى كېچىكىپ چىققان بالىلار ئەقىللىق ھېسابلانمامدۇ؟

تىلى كېچىكىپ چىققان بالىلار ئەقىللىق ھېسابلانمامدۇ؟

نېمە ئۈچۈن تىل بولسا ئىنسانلارنىڭ ئالاقىلىشىش قورالى، بالىلارنىڭ تىل قابىلىيىتى ۋە ئەقلىي قابىلىيىتى ئۆزئارا زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، تىل قابىلىيىتىنىڭ ئۆسۈشى بولسا ئەقلىي قابىلىيەتنىڭ ئۆسۈشىدىكى مۇھىم ئۆلچەم. بىراق تىل كىچىكىپ چىققان بالىلار چوقۇم دۆت ھېسابلىنامدۇ؟ ناتايىن، چۈنكى بالىلارنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەنلىكى يالغۇز تىلنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپلا قالماي، يەنە تەپەككۇر، پۇت - قول مەشغۇلاتى قاتارلىق نۇرغۇن تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئەقلىي قابىلىيىتى يۇقىرى بولغان بالىلارنىڭ تىلىمۇ كېچىكىپ چىقىدۇ. مەسىلەن: كۆپچىلىككە تونۇشلۇق بولغان ئالىم ئېينىشىن تۆت ياشقا كىرگەندىمۇ سۆزلىيەلمەيتتى، توققۇز ياشقا كىرگەندىمۇ يەنىلا راۋان سۆزلىيەلمەيتتى. بىراق، كىممۇ ئۇنىڭ سەۋىيىسىنى، ئىقتىدارىنى تۆۋەن دېيەلەيدۇ؟ ئەمەلىيەتتە تىل جەھەتتىكى يېتىلىش ئىرسىيەت، مىجەز ۋە تۇرمۇش مۇھىتى قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ئامىللارغا مۇناسىۋەتلىك. شۇڭا بىز تىل جەھەتتىكى ئىقتىدارى بىلەن ئەقلىي قابىلىيىتىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەنلىكىنى يېنىكلىك بىلەن بىر ئىش دەپ قارىماسلىقىمىز كېرەك. بالىلىق مەزگىلىدە، بالىلارنىڭ تەپەككۇر جەھەتتىكى يېتىلىشى تىل جەھەتتىكى يېتىلىشىدىن بالدۇر بولىدۇ، تىلى كېچىكىپ چىققان بالىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا بۇ ۋاقىت دېمەكچى بولغان گەپلىرىنى دېيەلمەسلىك مەزگىلى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بەزى بالىلار ئۈچ ياشقا كىرگەندە ئاندىن تىلى چىقسىمۇ لېكىن ئۇلار ئاللىقاچان نۇرغۇنلىغان سۆزلەرنى ئىگىلىۋالغاچقا، قىسقا مەزگىل ئىچىدە ئۆزى بىلەن تەڭ ياشتىكى بالىلارغا يېتىشىۋالالايدۇ. بىراق بالىلارنىڭ گەپ قىلالماسلىقىدىكى سەۋەب، ئاڭلاش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراش، فىزىئولوگىيىلىك جەھەتتىكى كەمتۈكلۈك ياكى باشقا كېسەللىكلەر تۈپەيلىدىن بولغان بولسا، ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ داۋالىتىش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە