UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبالىلار نېمە ئۈچۈن كېكەچلەيدۇ؟

بالىلار نېمە ئۈچۈن كېكەچلەيدۇ؟

نېمە ئۈچۈن بالىلارنىڭ كېكەچلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر ناھايىتى كۆپ، دائىم كۆرۈلىدىغان سەۋەبلەر: 1. تەپەككۇرىنىڭ يېتىلىشى تېز. بالىلار گەپ قىلىشقا باشلىغاندا، تەپەككۇر قىلىش سۈرئىتى گەپ قىلىش سۈرئىتىدىن تېز بولىدۇ. <كۆڭۈلدە ئويلاپ بولغۇچە، ئېغىزدىن چىقىپ بولىدۇ> يەنى كۆڭۈلدە ئويلىغان بولسىمۇ، بىراق تىل ئارقىلىق قانداق ئىپادىلەشنى بىلمەيدۇ ياكى ئايرىم بىر قىسىملىرىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن كېكەچلىك ئالامىتى كۆرۈلىدۇ. 2. ئۆگىنىش ۋە دوراش. تىل ئۆگىنىش باسقۇچىدا، بالىلارنىڭ سىرتقى دۇنياغا بولغان قىزىقىشى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، ئوخشىمىغان شەيئىلەر ئۇنىڭ بەكرەك قىزىقىشىنى قوزغايدۇ. ئەگەر ئۇ دائىم ئۇچرىشىدىغان كىشىلەر ئارىسىدا كېكەچلەيدىغان كىشى بولسا كۈچلۈك قىزىقىش ۋە دوراش كەيپىياتى پەيدا بولۇپ، دوراشقا ۋە ئۆگىنىشكە باشلايدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇمۇ كېكەچلەپ قالىدۇ. 3. كېسەللىك. مەسىلەن: تۇتقاقلىق يەلتاشما، بۇرۇن ياللۇغى، بادامبەز ياللۇغى ۋە بادامبەز يوغىناپ كېتىش قاتارلىق كېسەلگە گىرىپتار بولغان بالىلارمۇ كېكەچلىشى مۇمكىن. 4. مەلۇم بىرخىل ئالاھىدە ئامىللار. ئۇزۇن مۇددەتلىك روھىي جەھەتتىن جىددىيلىشىش، ئوت ئاپىتى، يەر تەۋرەش ياكى يېقىن ئۇرۇق - تۇغقانلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىش قاتارلىقلار بالىلارغا قاتتىق تەسىر قىلىپ، بالىلارنى كېكەچ قىلىپ قويۇشمۇ مۇمكىن.
← بارلىق تېمىلار نەمە