UyghurWiki
UyghurWikiنەمەسۇ مىنالىرى قانداق تازىلىنىدۇ؟

سۇ مىنالىرى قانداق تازىلىنىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن سۇ مىناسى سۇغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان مىنا بولۇپ، ئۇ ئۆز تەۋەلىكىنى ئۈنۈملۈك قامال قىلىپ، ھەر خىل سۇ ئۈستى پاراخوتلىرى ۋە سۇ ئاستى پاراخوتلىرىدىن مۇداپىئە كۆرەلەيدۇ. سۇ مىناسىنىڭ تۈرلىرى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، ئىقتىدارى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇلۇش شەكلىمۇ بىر - بىرىگە ئوخشاشمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كەڭ، ستېرېئو سۇ تەۋەلىكىگە ئۇرۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقتىن، سۇ مىناسىنى تازىلاش قۇرۇقلۇقتا <ساپيور(ئىشچى ئەسكەر) لارنىڭ مىنا تازىلىشى> غا سېلىشتۇرغاندا كۆپ قېيىن بولىدۇ. سۇ مىناسىنى تازىلاشتا ئاساسلىقى ھەر خىل سۇ مىناسىغا قارشى پاراخوتلارغا تاينىدۇ. بۇ تۈردىكى پاراخوتلارنىڭ قۇرۇلمىسى بىر قەدەر پۇختا بولۇپ، زەربىگە ۋە ماگىنىتقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى ياخشى، بۇنداق پاراخوتلارنى مىنا تازىلاش پاراخوتى ۋە مىنا ئاختۇرۇش پاراخوتى دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ. مىنا تازىلاش پاراخوتىغا ھەر خىل مىنا تازىلاش ئەسۋابلىرى ئورنىتىلغان بولۇپ، ئاساسلىق ۋەزىپىسى پورت، سۇ يولى، دېڭىز بازىلىرى قاتارلىقلارنىڭ سۇ تەۋەلىكىدىكى سۇ مىنالىرىنى تازىلاشتىن ئىبارەت. ئۇ فلوتلار ئۈچۈن سۇ يولى ئېچىپ بېرەلەيدۇ، شۇنداقلا قۇرۇقلۇققا چىقىش ئۇرۇشىدا <ئالدىن يۈرەر ساپيور> بولالايدۇ. سۇ مىنالىرىنى تازىلاش ئۇسۇللىرىمۇ كۆپ خىل، مەسىلەن، ماگىنىتلىق مىنا تازىلاش ئەسۋابى ئارقىلىق ماگىنىتلىق سۇ مىنالىرىنى پارتىلىتىۋېتىشكە بولىدۇ. سۇدا مۇئەييەن چوڭقۇرلۇقتا لەيلەپ يۈرگەن لەڭگەرلىك مىنالارنى ئادەتتە ئىككى مىنا تازىلاش پاراخوتىنى ماسلاشتۇرۇپ، سۇ ئاستىغا ئارغامچا سۆرىتىش ئارقىلىق مۇقىم لەڭگەرلىك مىنالارنىڭ زەنجىرىنى ئۈچۈپ، مىنالارنى سۇ يۈزىگە لەيلىتىپ چىقىرىپ، ئاندىن زەمبىرەك بىلەن ئېتىپ پارتىلىتىۋېتىشكە بولىدۇ. مىنا ئاختۇرۇش پاراخوتلىرى ئاساسلىقى سۇ مىنالىرىنى، بولۇپمۇ چوڭقنۇر دېڭىز ئاستىدا يوشۇرۇنچە تۇرغان چۆكمە مىنالارنى ئاختۇرۇش، رازۋېدكا قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇئەييەن مىنا تازىلاش ئىقتىدارىنىمۇ ھازىرلىغان. مىنا ئاختۇرۇش پاراخوتلىرىغا سەزگۈر مىنا تەكشۈرۈش سونارى ئورنىتىلغان بولۇپ، سۇ ئاستى تېلېكامېراسى ۋە كومپيۇتېرلىق ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسى قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرگە ماسلىشىپ، سۇ مىناسىنى توغرا قامال قىلالايدۇ ھەمدە قەرەل بەلگىلەش ۋە يىراقتىن تىزگىنلەش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ سۇ مىنالىرىنى پارتىلىتىۋېتەلەيدۇ، بۇ خىل سۇ مىنالىرىنى ۋەيران قىلىش ۋاستىسى ھەم بىخەتەر، ھەم ئۈنۈملۈك.
← بارلىق تېمىلار نەمە
سۇ مىنالىرى قانداق تازىلىنىدۇ؟ | UyghurWiki | UyghurWiki