كومپيۇتېردا سۈرەت تارتىش قانداق ئىش؟
نېمە ئۈچۈن
ۋوگزال ۋە چوڭ سودا سارايلاردا، كومپيۇتېردا بەدىئىي سۈرەت تارتىدىغان ئورۇنلارنى دائىم ئۇچراتقىلى بولىدۇ. ئۇ يەردە بىر نەچچە مىنۇتتىلا كوميۇتېردا تارتىلغان چىرايلىق بىر پارچە سۈرەتكە ئېرىشكىلى بولىدۇ. كوميۇتېردا تارتىلغان سۈرەت بىلەن ئادەتتىكى فوتوئاپپاراتتا تارتىلغان سۈرەت ئوخشاشمايدۇ، ئەمەلىيەتتە كومپيۇتېردا تارتىلغان سۈرەت پەردازلانغان سۈرەتتۇر.
بۇنداق سۈرەت تارتالايدىغان كومپيۇتېرغا <سۈرەت تارتىش يۇمشاق ماتېرىيالى> ئورنىتىلغان ھەمدە فوتو ئوبيېكتىپ ۋە رەڭلىك پرىنتېر سەپلەنگەن بولىدۇ. بۇ خىل كومپيۇتېردا سۈرەت تارتقاندا، ئالدى بىلەن فوتو ئوبيېكتىپ ئادەمنى سۈرەتكە ئالىدۇ. بۇ سۈرەت بىر خىل تەقلىدىي فوتوئېلېكتر سىگنالى بولۇپ، ئۇ رەقەملىك سىگنالغا ئايلاندۇرۇلۇپ، كومپيۇتېرغا كىرگۈزۈلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا رەقەملىك فوتوئاپپاراتتا تارتىلغان سۈرەتنى رەقەم سىگنالى سۈپىتىدە بىۋاستە كومپيۇتېرغا كىرگۈزسىمۇ بولىدۇ. ئاندىن كېيىن، سۈرەت كومپيۇتېردا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ، بۇنىڭدىكى مەقسەت سۈرەتنىڭ سۈپىىتنى ياخشىلاپ، ئۇنى تېخىمۇ سۈزۈك، چىرايلىق قىلىشتۇر. سۈرەت بىر تەرەپ قىلغاندا سېلىشتۇرما دەرىجىسى، رەڭگى، ئومۇمىي كۆرۈنۈشى تەڭشىلىدۇ، بىر قىسم جايلىرى قوشۇلىدۇ ياكى چىقىرىۋېتىلىدۇ. مەسىلەن، بىر پارچە باش سۈرىتىنىڭ كۆرۈنۈشىنى تېخىمۇ ئېنىق قىلغىلى؛ تېرە رەڭگىنى تەڭشەپ، تېرىنى تېخىمۇ ئاق، پارقىراق قىلغىلى؛ پېشانە ۋە كۆز ئەتراپىدىكى قورۇقلارنى يوقاتقىلى؛ يۈز - كۆزدىكى ئىششىقلارنى يوقىتىپ، ئادەمنى تېخىمۇ ياش، روھلۇق كۆرسەتكىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا كوميۇتېردا بار بولغان كىيىم - كېچەك، چاچ پاسونىدىن پايدىلىنىپ، سۈرەتنى قايتىدىن ياسىغىلى بولىدۇ. بىر تەرەپ قىلىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن پرىنتېردا بېسىپ چىقارسا، ياخشى بىر پارچە سۈرەتكە ئېرىشكىلى بولىدۇ.