بالىلارغا بىر يۈرۈش قامۇسلارنى تەييارلاپ بېرىش كېرەكمۇ - يوق؟
نېمە ئۈچۈن
بىز دائىم ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ <ھازىر كىتابخانلاردا بالىلار كىتابلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ كەتتى. بىز بالىلارغا قايسى خىل كىتابلارنى ئېلىپ بەرسەك مۇۋاپىق بولىدۇ> دېگىنىنى ئاڭلايمىز. بۇ توغرىسىدا ھەر قايسى ئائىلە باشلىقلىرىغا بالا ئۈچۈن بىر تۈركۈم قامۇسلارنى تەييارلاپ قويۇش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىمىز. قامۇستا نۇرغۇنلىغان مول بىلىملەر بولىدۇ. بىلىملەر كەڭرى بولۇپلا قالماستىن، مەزمۇنى ناھايىتى تولۇق، ھايۋانات ئۆسۈملۈك تۈرلىرى، پەن - تېخنىكا تۈرلىرى، ئاسترونومىيە ۋە جۇغراپىيە قىزىقىشى ۋە ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئوقۇسا، ئىزدەنسە، ھېس قىلسا ۋە چۈشىنىۋالسا بولىدۇ. بەزى ۋاقىتتا بالىلار رادىئو - تېلېۋىزوردىن بىر خىل قىزىقارلىق ھايۋانات توغرىسىدا ئاڭلايدۇ ۋە كۆرىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە تۇرمۇش ئادىتىنى چۈشىنىشنى ئويلايدۇ. قامۇستىن بۇنىڭ جاۋابىنى تاپقىلى بولىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ قىزىقىشىنى قانائەتلەندۈرەلەيدۇ. دۇنياغا بولغان ئىزدىنىش، بىلىمگە بولغان ئىنتىلىشتىن ئىبارەت پسىخىكىلىق تەلەپ بالىلارنى تېخىمۇ كۆپ بىلىملەرگە ئىگە قىلىدۇ. بالىلار كىتاب ئوقۇش جەريانىدا ئاجايىپ - غارايىپ سوئاللارنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئائىلە باشلىقلىرى يېتەكچىلىك قىلىپ، بالىلارنىڭ ئوقۇش، چۈشىنىشىگە ياردەم بەرسە بالا ھېسسىي بىلىشكە ئېرىشەلەيدۇ. بالىلارنىڭ كىتاب ئوقۇشىغا، رەسىم كۆرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىش جەريانىدا مەقسەتلىك ھالدا بالىلار كىتاب ئوقۇش ئىقتىدارىنى ئۆگىنىشنى ئۆگەتكىلى بولىدۇ. بالىلاردا ياخشى بولغان كىتاب ئوقۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشكە ياردەم بەرگىلى بولىدۇ. بۇنىڭدىن بالىلارنىڭ ئوقۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا بالىلارغا كىتابتىن ئېرىشكەن بىلىملىرىنى كۈندىلىك تۇرمۇش ئەمەلىيىتىدە قوللىنىشقا ئامراق كېلىدۇ ياكى سىناپ باقىدۇ، مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئىزدىنىش ئاكتىپچانلىقى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ.