ھاۋا مۇنچىسى دېگەن نېمە؟
نېمە ئۈچۈن
بوۋاق ئىككى ~ ئۈچ ئايلىقتىن باشلاپ ھاۋا مۇنچىسىغا چۈشۈرۈلسە بولىدۇ. ئاتالمىش ھاۋا مۇنچىسى بوۋاقنىڭ يۇمران تېرىسىنى پاكىز، ساپ ھاۋا بىلەن بىۋاسىتە ئۇچراشتۇرۇپ، بەدەننىڭ كۆپ قىسىم تېرىسىنى ھاۋادا يۇيۇندۇرۇپ، ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ۋە ئادەم بەدىنىنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقىدىن پايدىلىنىپ ھاۋانىڭ كونۋېكسىيىسى ۋە رادىئاتسىيىسى ئارقىلىق بوۋاق بەدىنىنى غىدىقلاپ ھەم ئۇنىڭ ئىنكاس قايتۇرۇش ئىقتىدارىنى قوزغىتىشتىن ئىبارەت. ھاۋا مۇنچىسىغا چۈشۈرۈپ چېنىقتۇرۇش ئارقىلىق، بوۋاقنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەش ئىقتىدارى ۋە مۇھىتقا ماسلىشىش ئىقتىدارى كۈندىن - كۈنگە ياخشىلىنىدۇ، بۇرۇن ياللۇغى، كاناي ياللۇغى، كانايچە زىققىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا بەلگىلىك رولى بار. ئۇنىڭدىن سىرت ساپ ھاۋادا ئوكسىگېن كۆپ، مەنپىي ئىئوننىڭ قويۇقلۇقى يۇقىرى بولۇپ، بوۋاقلارنىڭ قان ئايلىنىشىنى ياخشىلاپ، مېتابولىزمنى تېزلىتىپ، ئورگانىزمنىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرىدۇ.