UyghurWiki›نەمە›ئىككى ياشلىق بالىلارنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىنىڭ يېتىلىشى قانچىلىك سەۋىيىدە بولسا بولىدۇ؟
ئىككى ياشلىق بالىلارنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىنىڭ يېتىلىشى قانچىلىك سەۋىيىدە بولسا بولىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
ئىككى ياشقا كىرگەن بالىلار ئادەتتە 200 دىن 300 گىچە سۆزلەرنى بىلەلەيدۇ، ئۆزىنىڭ ئىسمىنى ئېيتىپ بېرەلەيدۇ. <مەن، سەن، ئۇ> دېگەندەك سۆزلەرنى قىلالايدۇ، بىراق توغرا دېيەلىشى ناتايىن. تۇرمۇشتىكى بىر قىسىم ئاددىي بولغان سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ، بىر قىسىم ئاددىي ھالەتتىكى ئويلىغانلىرىنى دەپ بېرەلەيدۇ، مەسىلەن: <ئاپا، سۇ ئىچىمەن> دېگەندەك. بۇ ۋاقىتتا بالىلار لوگىكىلىق تەپەككۇر قىلىشقا باشلايدۇ، ئەتراپتىكى شەيئىلەر توغرىسىدا ئويلىنىشقا باشلايدۇ. بىراق يەنىلا ئۆزىنىڭ ئىدىيىسىنى ئېنىق ھالەتتە ئىپادىلەپ بېرەلمەيدۇ، بالىلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى ناھايىتى روشەن ھالدا يۇقىرىلايدۇ. دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈش ۋاقتىمۇ ئۇزىرايدۇ، بالىلار ناخشىسىنى ئېيتالايدۇ، شېئىرلارنى يادلىيالايدۇ، بىردىن بەشكىچە سانلارنى ساناپ بېرەلەيدۇ، چوڭلار تاپىلىغان بىر قىسىم ئاددىي <ۋەزىپە> لەرنى ئاڭلاپ چۈشىنەلەيدۇ ۋە ئورۇندىيالايدۇ.