UyghurWiki›نەمە›ۋاكسىنا ئەملىگەندە نېمە ئۈچۈن بىر ئادەمگە بىر شپىرىس، بىر ئوكۇل يىڭنىسى ئىشلىتىلىدۇ؟
ۋاكسىنا ئەملىگەندە نېمە ئۈچۈن بىر ئادەمگە بىر شپىرىس، بىر ئوكۇل يىڭنىسى ئىشلىتىلىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
بەزى دوختۇرخانا ياكى ئاساسىي قاتلام ساقلىقنى ساقلاش پونكىتلىرىدا، بەزىدە نۇرغۇن ئادەملەرگە ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىسى ئەملىگەندە، بىر ئادەمگە ئوكۇل قىلىپ بولغاندىن كېيىن بىر ئوكۇل يىڭنىسى ئالماشتۇرغانلىقىنى ئەمما شپىرىس ئالماشتۇرمىغانلىقىنى كۆرۈشكە بولىدۇ. ئەملىگۈچى خادىم ئوكۇل يىڭنىسى تېرە (ياكى مۇسكۇل) گە سانجىلىپ بۇلغاندى، ئىككىنچى ئادەمگە ئوكۇل قىلىشتا ئالماشتۇرۇۋېتىش كېرەك دەپ قارايدۇ. لېكىن، ئۇلار شپىرىسنىڭمۇ ئوخشاشلا بۇلغىنىدىغانلىقىغا، ئوخشاشلا كېسەللىك باكتېرىيىسى يۇقتۇرىدىغانلىقىغا، مەسىلەن: جىگەر ياللۇغى، ئەيدىز قاتارلىقلارنىڭ ۋىرۇسىنى بوۋاققا يۇقتۇرۇپ قويىدىغانلىقىغا، ئۇنىڭ بوۋاق، ئائىلە ھەمدە جەمئىيەتكە ئىنتايىن زور ئازاب ۋە ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان زىيان سالىدىغانلىقىغا سەل قارايدۇ. شۇڭا كەڭ داۋالاش ئىشلىرى خىزمەتچىلىرى ھەم ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىسى ئەملىگۈچى خادىملار بوۋاق، ئائىلە ۋە جەمئىيەتكە نىسبەتەن مەسئۇلىيەتچانلىق روھىنى ئاساس قىلىپ، ئوكۇل قىلىش ئەسۋابلىرىنىڭ بىر قېتىملىق ئىشلىتىش پرىنسىپىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ <بىر ئادەمگە بىر شپىرىس، بىر ئوكۇل يىڭنىسى> بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئۇنىڭدىن سىرت، بوۋاقنىڭ ئائىلە باشلىقلىرى بۇنداق قائىدىگە خىلاپ مەشغۇلات ئەھۋالىنى بايقىغان ھامان چوقۇم ئىشلىتىشنى رەت قىلىش، ۋاقتىدا توسۇپ قىلىش ھەم مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا ئىنكاس قىلىش كېرەك.