UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن خىمىيۋى قوراللارنى ئىشلىتىش چەكلىنىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن خىمىيۋى قوراللارنى ئىشلىتىش چەكلىنىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن 1915 - يىل 4 - ئايدا، بېلگىيىنىڭ بىر رايونىدا، ئەنگىلىيە - فرانسىيە بىرلەشمە ئارمىيىسى بىلەن گېرمانىيە ئارمىيىسى تىركىشىپ تۇرۇۋاتاتتى. بىر كۈنى، گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ پوزىتسىيىسىدىن ئاچ سېرىق تۈتۈن كۆتۈرۈلىدۇ، بۇ تۈتۈن شامالنىڭ تەسىرىدە ئاستا - ئاستا ئەنگىلىيە - فرانسىيە بىرلەشمە ئارمىيىسىنىڭ پوزىتسىيىسىگە قاراپ سۈرۈلىدۇ. ئەسكەرلەر نېمە ئشى بولغىنىنى بىلمەي تۇرۇپلا، كۆز، بۇرۇن ۋە گېلى ئوتتا كۆيگەندەك بولۇپ، كۆزلىرىدىن ياش ئېقىشقا، يۆتىلىشكە، دېمى سىقىلىشقا باشلايدۇ. ئاكوپ ئىچى قالايمىقانلىشىپ، نۇرغۇن ئەسكەرلەر تۇمان ئىچىدە ماغدۇرسىزلىنىپ يېقىلىدۇ، قالغانلىرى تەرەپ - تەرپككە قاچىدۇ، شۇنىڭ بىلەن گېرمانىيە ئارمىيىسى پوزىتسىيىنى ئاسانلا بۆسۈپ ئالىدۇ... بۇ دۇنيادىكى تۇنجى قېتىملىق خىمىيىلىك ئۇرۇشنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى بولۇپ، گېرمانىيە ئارمىيىسى 6000 باك خلور گازىنى ئىشلەتكەنىدى. بۇ تەخمىنەن 180 توننا كېلەتتى، بۇنىڭ بىلەن ئەنگىلىيە - فرانسىيە بىرلەشمە ئارمىيىسىدىن 18 مىڭ كىشى زەھەرلەندى، بۇلارنىڭ ئىچىدە 5000 كىشى ئۆلدى، كېيىن، يەنە كۆپ خىل خىمىيىلىك زەھەرلىك دورىلار بىر خىل پەۋقۇلئاددە ھەربىي قورال سۈپىتىدە ئارقا - ئارقىدىن ئىشلىتىلىپ، ھەر قېتىملىق ئۇرۇشتا كىشىنى ساراسىمىگە سالىدىغان ئۆلتۈرۈش - يارىلاندۇرۇش كۈچىنى ھاسىل قىلدى. خىمىيۋى قوراللارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ھەر خىل زەھەرلىك گازدىن مۇداپىئەلىنىش، زەھەرلىك گازلارنى تەكشۈرۈش ئەسۋابلىرىمۇ ھەربىي قورال - جابدۇق سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقتى. خىمىيىۋى قوراللارنىڭ زەھىرى كۈچلۈك، زىيان سېلىش دائىرىسى كەڭ بولغانلىقتىن، ئۇنى تىزگىنلەش تەس ھەم ھاۋا، سۇ ۋە يەر يۈزىدە ئۇزاق تۇرۇپ قېلىپ، مۇھىت ۋە ئادەم تېنىگە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇڭا بىر تۈرلۈك ئەخلاقسىز ۋاسىتە دەپ ئومۇميۈزلۈك ئېتىراپ قىلىنغان. خىمىيىۋى قوراللارنىڭ زىيىنى ئىنتايىن چوڭ بولغانلىقتىن، 1925 - يىلىلا تۇنجى خەلقئارالىق خىمىيۋى قوراللارغا قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسى بارلىققا كەلگەن. 1993 - يىلى، يەنە 126 دۆلەت يېڭى <خىمىيۋى قوراللارنى مەنئى قىلىش ئەھدىنامىسى> نى ئىمزالىدى.
← بارلىق تېمىلار نەمە