تۇغما يۈرەك كېسىلىنىڭ قانداق ئالدىنى ئالىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
تۇغما يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى مۇھىم ھالقا ھامىلىدارلىق مەزگىلى. ئالدى بىلەن ھامىلىدار ئايال ساقلىقنى ساقلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى، ھامىلىدارلىقنىڭ ئالدىدا ئوزۇقلۇقنى مۇۋاپىق كۈچەيتىشى، تەنتەربىيە چېنىقىشنى كۈچەيتىشى بولۇپمۇ ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى ئۈچ ئېيىدا پائال تۈردە سوغان، تارقىلىشچان زۇكام قاتارلىق ۋىرۇسلۇق كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشى، دىئابېت كېسىلى، تۇتقاقلىق كېسىلى قاتارلىقلارغا گىرىپتار بولغۇچىلار دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى ئاستىدا توي قىلىش، ھامىلىدار بولۇش ۋاقتىنى قارار قىلىشى؛ ئاندىن كېسەل قوزغىلىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ئامىللار بىلەن ئۇچرىشىشتىن ساقلىنىش، مەسىلەن: رادىئوئاكتىپ نۇر بىلەن ئۇچرىشىشتىن ساقلىنىش، ئەگەر خىزمەت جەريانىدا ئۇزۇن مەزگىل رادىئوئاكتىپ نۇر بىلەن ئۇچراشقۇچىلار ياكى رادىئوئاكتىپ نۇر بىلەن داۋالانغۇچىلار ئاز دېگەندىمۇ يېرىم يىل رادىئو ئاكتىپ نۇردىن ئايرىلىپ ئاندىن ھامىلىدار بولۇشى؛ ئەر - خوتۇن ئىككى تەرەپ ھاراق - تاماكا تاشلىشى؛ دائىم دېھقانچىلىق دورىلىرى، خىمىيىلىك ماددىلار بىلەن ئۇچراشقۇچى ئاياللار مۇداپىئە قىلىش چارىلىرىنى كۈچەيتىشى؛ ئىمكانقەدەر تېتراتسىكلىن سۇلفامىد ۋە ھورمون تۈرىدىكى دورىلارنى ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش كېرەك.