UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن يۇقىرى سۈرئەتلىك ئايروپىلاننىڭ قانىتى قىسقا بولىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن يۇقىرى سۈرئەتلىك ئايروپىلاننىڭ قانىتى قىسقا بولىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن سىز لەگلەك ئۇچۇرۇپ باققانمۇ؟ ئەگەر لەگلەكنى ھەم ئېگىز، ھەم تېز ئۇچۇرىمەن دەيدىكەنسىز، لەگلەكنىڭ گەۋدىسىنى چوڭايتىشىڭىز، ئېغىرلىقىنى يېنىكلىتىشىڭىز كېرەك. لەگلەك يىپىنى شامالغا قارشى تارتىپ قانچە تېز يۈگۈرسىڭىز شۇنچە ياخشى بولىدۇ. ئايروپىلاننىڭ ھاۋاغا كۆتۈرۈلۈشى بىلەن لەگلەكنىڭ ئاسمان قەرىدە ئۇچۇشىنىڭ قائىدىسى ئوخشاش. ئايروپىلان قانىتىنىڭ ئۆرلىتىش كۈچىگە تاينىپ ئاسمانغا كۆتۈرۈلىدۇ ۋە ھاۋادا ئۇچىدۇ. ئايروپىلان قانىتى قانچە چوڭ بولسا، ئايروپىلان شۇنچە تېز ئۇچىدۇ ۋە ئايروپىلان ھاسىل قىلىدىغان ئۆرلىتىش كۈچىمۇ شۇنچە چوڭ بولىدۇ. بۇرۇنقى ئايروپىلانلارنىڭ گەۋدىسى بولسۇن ياكى ماتورى بولسۇن، قۇرۇلما ۋە ماتېرىيال جەھەتلەردە تولىمۇ قالاق ئىدى. ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇش سۈرئىتى تېز بولمىسا، پەقەت ئايروپىلان قانىتىنى چوڭايتىش ئارقىلىقلا يېتەرلىك بولغان ئۆرلىتىش كۈچى ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ، ھەتتا بىر قاناتنىڭ رولى تازا دېگەندەك يېتەرلىك بولمىسا، ئايروپىلاننى قوش قاناتلىق ياكى ئۈچ قاناتلىق قىلىپ ياساشقا بولىدۇ. بىراق ئايروپىلان قانىتى كۆپ بولۇپ كەتسە ئايروپىلاننىڭ ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىپ، ئايروپىلان سۈرئىتىنىڭ ئېشىشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. ھازىر ئاۋىئاتسىيىدە ئايروپىلان ماتورىنىڭ ئۆزگەرتىلىپ ماتېرىيال سۈپىتىنىڭ ياخشىلىنىشى بىلەن، ئايروپىلانلارنىڭ ئۇچۇشى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈلدى. ھازىرقى زامان يۇقىرى سۈرئەتلىك ئايروپىلانلىرى قانىتى چوڭ بولمىسىمۇ، يېتەرلىك ئۆرلىتىش كۈچى ھاسىل قىلالايدۇ. شۇڭلاشقا ھازىرقى زامان يۇقىرى سۈرئەتلىك ئايروپىلانلىرى تاق قاناتلىق قىلىپ ياسىلىدۇ ھەمدە قانىتىمۇ بارغانسېرى كىچىكلىمەكتە. تېز سۈرئەتتە ئۇچۇشى زۆرۈر بولغان ئايروپىلانلار قانىتىنى ئۈزلۈكسىز كىچىكلىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، قۇرۇلمىسىنىڭ لايىھىلىنىشىمۇ بۆسۈش خاراكتېرلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. مەسىلەن، <قانىتى ئۆزگىرىدىغان> ئايروپىلان يۇقىرى سۈرئەتتە ئۇچقان چاغدا، قانىتىنى ئاپتوماتىك ھالدا كىچىكلىتىش ئارقىلىق ئۇچۇشقا توسالغۇلۇق قىلىدىغان كۈچنى كىچىكلىتىدۇ. ئۇچقاندا ياكى قۇنغاندا، ئايروپىلاننىڭ سۈرئىتى سەل ئاستا بۇلىدىغان بولغاچقا، قانىتىنى ئاپتوماتىك چوڭايتىش ئارقىلىق ئۆرلىتىش كۈچىنى ئاشۇرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە