نېمە ئۈچۈن دورا يېيىشتىن ئىلگىرى ئۈنۈملۈك مۇددىتىگە قاراش كېرەك؟
نېمە ئۈچۈن
ئادەم كېسەل بولۇپ قالسا، دورا يېيىشتىن خالىي بولالمايدۇ. دورا باشقا بۇيۇمغا ئوخشاشمايدۇ، ئۇنىڭ سۈپىتىگە ۋە ئۈنۈملۈك مۇددىتىگە قويۇلغان تەلەپ ناھايىتى قاتتىق.
دورىلارنىڭ ئۈنۈملۈك ۋاقتىنى تېببىي پەن تەتقىقات خادىملىرى نۇرغۇن سىناقلاردىن كېيىن تۈزۈپ چىقىدۇلا ئەمەس، بەلكى يەنە دورا باشقۇرۇش ئورگانلىرى قاتتىق تەكشۈرۈپ تەستىقلايدۇ، شۇڭا ئۇ مەلۇم ئىلمىيلىققا ۋە مۇاپىقلىققا ئىگە. بىمار دورا يېيىشتىن ئىلگىرى، ئالدى بىلەن ئۇنىڭ ئۈنۈملۈك مۇددىتىگە قاراپ بېقىشى، مۇددىتى ئۆتۈپ ئۈنۈمىنى يوقاتقان دورىنى يېمەسلىكى كېرەك. بولمىسا، يەڭگىل بولسا داۋالاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولمايدۇ، ئېغىر بولسا ھەر خىل ناچار رېئاكسىيە پەيدا قىلىشى، ھەتتا ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزۈشى مۇمكىن.
دورىنىڭ ئۈنۈملۈك مۇددىتىنى ئىپادىلەشنىڭ مۇنداق ئۈچ خىل ئۇسۇلى بار: بىرىنچى، ئۈنۈملۈك مۇددىتى. ئەگەر مەلۇم بىر دورىنىڭ قېپىغا <ئۈنۈملۈك مۇددىتى 2002 - يىل 10 - ئايغىچە> دەپ يېزىلغان بولسا، بۇ دورىنى 2002 - يىل 10 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ئىشلەتكىلى بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ؛ ئىككىنچى، ئۈنۈمىنى يوقىتىش مۇددىتى. ئەگەر مەلۇم دورىنىڭ ماركىسىغا <ئۈنۈمىنى يوقىتىش مۇددىتى 2002 - يىل 10 - ئاي> دەپ يېزىلغان بولسا، بۇ، بۇ دورىنى 2002 - يىل 9 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ئىشلەتكىلى بولىدىغانلىقىنى، 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ ئۈنۈمىن يوقىتىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ؛ ئۈچىنچى، تەستىقلاش نومۇرى. بۇ ھەر بىر تۈركۈم دورىنىڭ ئىشلەپ چىقىرىلغان كۈنى ھېسابلىنىدۇ، ئەگەر مەلۇم دورىنىڭ تەستىق نومۇرى <20011001> بولسا بۇ دورا 2001 - يىل 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى ئىشلەپ چىقىرىلغان بولىدۇ. ئۇنىڭغا يەنە <ئۈنۈملۈك مۇددىتى ئىككى يىل> دېگەن خەتلەر بېسىلغان بولسا، بۇ، بۇ دورىنىڭ 2003 - يىل 10 - ئاينىڭ 2 - كۈنىدىن باشلاپ ئۈنۈمىنى يوقىتىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
بەزى دورىلارنىڭ ئۈنۈملۈك مۇددىتى توشمىغان بولسىمۇ، لېكىن مۇۋاپىق ساقلانمىغاچقا، دورىنىڭ سۈپىتى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ ياكى ۈنۈمىنى يوقىتىدۇ. مەسىلەن، دورا سارغىيىپ قېلىش، قىزىرىپ قېلىش ياكى پاختىلىشىپ قېىش، تالقان، شىرنىلىك دورىلار بولسا، غەلىتە پۇراق پەيدا بولۇپ قېلىش ياكى بۇزۇلۇپ قېلىش، ئوكۇل بولسا، رەڭگى ئۆزگىرىپ كېتىش، تىنىپ قېلىشقا ئوخشاش ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا دورىنى ئىشلىتىش مۇاپىق ئەمەس.