UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن باشقۇۇرلىدىغان سىنارەد تۇراقسىز نىشانلارغا ئاپتۇماتىك ئەگىشەلەيدۇ؟

نېمە ئۈچۈن باشقۇۇرلىدىغان سىنارەد تۇراقسىز نىشانلارغا ئاپتۇماتىك ئەگىشەلەيدۇ؟

نېمە ئۈچۈن باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدنىڭ ئادەتتىكى زەمبىرەك ئوكىدىن ئەڭ چوڭ پەرقى شۇكى، باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدنىڭ ئۆزىدە ماتۇر ۋە باشقۇرۇش سىستېمىسى بار. باشقۇرۇش سىستېمىسى باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدنىڭ كۆزى بولۇپ، ئۇ باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدنىڭ تۇراقسىز نىشانلارنى توغرا ئىزدەپ تېپىشى، نىشانغا ئەگىشىشى ۋە تېگىشىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ. باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدنىڭ ئىشلىتىلىشى ئوخشاش بولمىغاچقا، باشقۇرۇلۇش شەكلىمۇ بىر - بىرىگە ئانچە ئوخشىشىپ كەتمەيدۇ. نىشاننى ئاپتۇماتىك ئىزدەيدىغان باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدلەرنى ئېلىپ ئېيتساق، ئۇلارنىڭ باشقۇرۇلۇش شەكلى ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ. باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدتىكى رادار ئېلېترو ماگىنىت دولقۇنى تارقىتىدۇ، بۇ دولقۇن نىشان بىلەن ئۇچراشقاندا قايتىپ كېلىدۇ، باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدتىكى باشقۇرۇش سىستېمىسى قايتقان دولقۇنغا ئاساسەن ئەگىشىدۇ. باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئېلېترو ماگىنت دولقۇنى تارقىتىدىغانلىقتىن، بۇنداق باشقۇرۇش شەكلى تەشەببۇسكار باشقۇرۇش دەپ ئاتىلىدۇ. بەزىدە، يەر يۈزى ياكى پاراخوتتىكى قوماندانلىق پونكىتى رادار دولقۇنى ياكى لازىر نۇرى دەستىسى چىقىرىپ، دۈشمەننىڭ ھاۋا بوشلۇقىدىكى ئايروپىلان ياكى باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدلىرىنى تەكشۈرۈپ، ئۇچۇرنى باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدكە يوللاپ بېرىدۇ، ئاخىردا باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد نىشانغا ئەگىشىدۇ ھەم نىشانغا زەربە بېرىدۇ. بۇنداق باشقۇرۇش شەكلى يېرىم تەشەببۇسكار باشقۇرۇش دەپ ئاتىلىدۇ. نۆۋەتتە، باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدلەرنىڭ <نىشان ئىزدەش> شەكلى ئىچىدە ئەڭ كۆپ قوللىنىلىدىغىنى پاسسىپ باشقۇرۇش شەكلىدۇر. بۇ يەردىكى <پاسسىپ> دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى خاتا چۈشىنىپ قالماڭ، ئۇنىڭ مەنىسى باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد ھېچقانداق تەكشۈرۈش سىگنالى چىقارمايدۇ، بەلكى ئاۋاز دولقۇنى، يورۇقلۇق دولقۇنى، رادار دولقۇنى ۋە ئىنفرا قىزىل نۇر سىگنالىنى سۈزگۈرلۈك بىلەن قوبۇل قىلىدۇ، دېگەنلىك. شۇڭا بۇ خىل باشقۇرۇش شەكلىنىڭ سىگنالى مەنبەسى تېزگىنلەش دائىرىسى ئەڭ كەڭ بولىدۇ. پەقەت دۈشمەننىڭ ئايروپىلان، باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد قاتارلىق تۇراقسىز نىشانلىرى يۇقىرىدىكى ھەر قانداق بىر خىل سىگنالنى چىقارسىلا، باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد ئۇنى بايقىۋېلىپ، ئەگىشىدۇ ھەم ھۇجۇم قىلىدۇ، ئەمما باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدنىڭ ئۆزى ناھايىتى يۇشۇرۇن تۇرىدۇ. ئېيتىپ بېقىڭچۇ، بۇ خىل <پاسسىپ> ھۇجۇم شەكلى قورقۇنچلۇقمىكەن؟
← بارلىق تېمىلار نەمە
نېمە ئۈچۈن باشقۇۇرلىدىغان سىنارەد تۇراقسىز نىشانلارغا ئاپتۇماتىك ئەگىشەلەيدۇ؟ | UyghurWiki | UyghurWiki