UyghurWiki
UyghurWikiنەمەئىنسانلار ئاي شارىغا قايتا چىقامدۇ؟

ئىنسانلار ئاي شارىغا قايتا چىقامدۇ؟

نېمە ئۈچۈن ئاي شارى بىزگە ئەڭ تونۇش ئاسمان ئاسمان جىسمى، شۇنداقلا يەر شارىدىن باشقا ئىنسانلارنىڭ ئاياغ ئىزى چۈشكەن بىردىنبىر ئاسمان جىسمىدۇر. 1969 - يىلىدىن 1972 - يىلىغىچە جەمئىي ئالتە دانە <ئاپوللو> ناملىق ئالەم كېمىسى 12 نەپەر ئالەم ئۇچقۇچىسىنى ئاي شارىغا ئاچىقتى. ئىنسانلار ئاي شارىغا چىقىش خىيالىنى ئىشقا ئاشۇرغاندىن كېيىن، بۇ <كەڭ سوغۇق ساراي> بىر مەھەل ھۇۋۇلداپ قالدى. ⅩⅩ ئەسىرنىڭ 90 - يىللىرىدىن كېيىن، كىشىلەر يەنە بىر قېتىم ئاي شارىنى ئېسىگە ئېلىشتى. ئاي شارىنى يېڭى بىر نۆۋەتلىك كۆزىتىشىگە ئەگىشىپ، كىشىلەر ئاي شارىدا مول ماددىي بايلىق يوشۇرۇنۇپ ياتقانلىقىنى بايقىدى. بولۇپمۇ ئامېرىكىنىڭ <ئاي شارىنى تەكشۈرگۈچى> ناملىق تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى ئاي شارىدا زور مىقداردا مۇز بارلىقىنى بايقىغاندىن كېيىن، كىشىلەرنىڭ ئاي شارىغا يېڭىۋاشتىن چىقىش قىزغىنلىقى قوزغالدى. 1993 - يىل 4 - ئايدا، ھەر قايسى ئەللەردىن كەلگەن 200 نەچچە نەپەر ئالىم فرانسىيىگە يىغىلىپ، ئىنسانلار ئاي شارىغا قايتا چىقىشى لازىممۇ، يوق دېگەن مەسىلىنى ئەستايىدىلىق بىلەن مۇھاكىمە قىلدى ۋە چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلدى. يىغىندىن كىشى قەلبىنى ھاياجانغا سالىدىغان خەۋەر تارقالدى: ئىنسانلار 2020 - يلى يېڭىۋاشتىن ئاي شارىغا چىقىدۇ ھەمدە ئاي شارىدا تۇنجى تۈركۈمدىكى <ئاسمان ئوردىسى> نى قۇرىدۇ. ئۇ چاغقا بارغاندا، ئىنسانلار ئاي شارىدا قۇياش ئېنېرگىيىسى ئېلېكتر ئىستانسىسى، ئاسترونومىيىلىك كۆزىتىش پونكىتى، ئاي شارى زاۋۇتى قاتارلىق مەڭگۈلۈك بازىلارنى قۇرۇپ چىقىدۇ. ئىنسانلار ئاي شارىغا يېڭىۋاشتىن چىقىشتا <ئۇ جاينى بىر قېتىم ساياھەت قىلىش> باسقۇچىدىلا توختاپ قالمايدۇ. ئاي شارى ئىنسانلار ماكانلىشىدىغان <يېڭى بىر قىتئە> بولۇپ قالىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە