نېمە ئۈچۈن گاچا بۇلاقنىڭ سۈيىنى ئىچكەندىن كېيىن ئادەم گەپ قىلالماس بولۇپ قالىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
<ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە> دە جۇگې لياڭ لەشكەر باشلاپ جەنۇبقا يۈرۈش قىلغاندا يول ئۈستىدە تۆت زەھەرلىك بۇلاق ئۇچرايدۇ، ئۇلارنىڭ بىرى گاچا بۇلاق. ئۇ چاغدا ھاۋا ئىسسىق بولغاچقا، ئەسكەرلەر ئاتتىن چۈشۈپلا سۇ ئىچىپ ئۇسسۇزلۇقىنى قاندۇرىدۇ. ئويلىمىغان يەردىن ئۇزۇن ئۆتمەي ھەممىسىنىڭ تىلى تۇتۇلۇپ گەپ قىلالماي قالىدۇ. كېيىن بىر دانىشمەن ئەقىل كۆرسىتىپ راھەت بۇلىقىنىڭ سۈيىنى ئىچكەندىلا خەتەردىن قۇتۇلۇپ، گەپ قىلالايدىغان بولىدۇ دەيدۇ.
بۈگۈنكى كۈندە ئىلمىي نۇقتىدىن تەھلىل قىلغاندا، گاچا بۇلاقنىڭ سۈيى تەركىبىدە مىس تۇزى بولغان بىر خىل بۇلاق سۈيى، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، بۇلاق سۈيى تەركىبىدە كۆپ مىقداردا مىس سۇلفات (يەنە بىر ئاتىلىشى خالكانتىت) بار. يۈننەن رايونىدا مىس كان بىر قەدەر كۆپ، يەر ئاستى بۇلاق سۇلىرىغا قىس سۇلفات تۇزىنىڭ سىڭىپ كىرىشى ناھايىتى نورمال ئەھۋال. تەركىبىدە مىس سۇلفات بار بۇنداق سۈيىنى ئادەم ئىچكەندىن كېيىنلا، زەھەرلىنىپ ياندۇرۇش، ئىچى ئېلىشىش، ئىچى سۈرۈش، تىلى كالۋالىشىش، ھەتتا ئاۋاز چىقارماي گاچا بولۇپ قېلىشتەك ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بۇنداق كېسەللىك ئالامەتلىرى <ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە> تەسۋىرلەنگىنى بىلەن ئومۇمەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ، بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، <گاچا بۇلاقنىڭ سۈيى> توغرىسىدىكى رىۋايەتنىڭ مۇئەييەن ئاساسى بار.
ئۇنداقتا، بۇنداق <گاچا بۇلاقنىڭ سۈيى> نى ئىچكەندىن كېيىن، ئۇنى قۇتقۇزۇۋېلىشنىڭ چارىسى بارمۇ، يوق؟ ئەمەلىيەتتە قۇتقۇزۇشنىڭ چارىسى ناھايىتى ئاددىي، يەنە مەلۇم مىقداردا ھاك سۈيى ئىچىش، ھاك سۈيى خالكانتىت بىلەن خىمىيىلىك رېئاكسىيىلىشىپ، ئېرىمەس كالىتسىي سۇلفات (يەنى گەج) قاتارلىق ماددىلارنى تىندۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ھەم ئاشقازان يۇيۇلىدۇ، ھەم خالكانتىتنىڭ ئادەم بەدىنىنى زەھەرلىشىنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ. <ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە> دە تىلغا ئېلىنغان جۇگې لياڭنىڭ ئەسكەر، ئاتلىرىنىڭ ھاياتىنى قۇتۇلدۇرۇۋالغان راھەت بۇلىقىنىڭ تەركىبىدە ئىشقارلىق ھاك ئېرىتمىسى بولۇشى مۇمكىن دەپ مۆلچەرلەشكە بولىدۇ. مۇشۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، ئۇمۇ مۇئەييەن ئىلمىي ئاساسقا ئىگە