UyghurWiki
UyghurWikiنەمەقىزىتمىنىڭ بوۋاقلارغا نىسبەتەن قانداق پايدىلىقتەرەپلىرى بار؟

قىزىتمىنىڭ بوۋاقلارغا نىسبەتەن قانداق پايدىلىقتەرەپلىرى بار؟

نېمە ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئەگەر بوۋاق ئاغرىپ قالغاندىن كېيىن قىزىمىسا، ئۇنداقتا بوۋاقنىڭ ئاغرىق ئەمەسلىكىگە ھۆكۈم قىلىش تەس بولىدۇ. دوختۇرنىڭ كېسەلنى داۋالاش جەريانىدا بەدەن تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالى بىر مۇھىم بولغان پايدىلىنىش ئامىلى. ئاندىن ئەگەر بوۋاق ئاغرىپ قالغاندا قىزىسا، بىر تەرەپتىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئۇنىڭ ئورگانىزمىنىڭ ئىنكاس قايتۇرۇش ئىقتىدارىنىڭ ياخشىلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ ھەمدە ئادەم بەدىنى قىزىغاندا بەدەندىكى ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى غىدىقلاپ، ئۇنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، بەدەن ئىچىدىكى ماددا ئالماشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، كېرەكسىز نەرسىلەرنى ئالماشتۇرۇپ چىقىرىۋېتىشكە پايدىلىق ئىكەنلىكى تەتقىقاتتا ئىسپاتلانغان. قىزىش يەنە جىگەرنىڭ زەھەر قايتۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، كېسەل قوزغاتقۇچى باكتېرىيىنىڭ ئۆسۈشى ۋە كۆپىيىشىنى تىزگىنلەيدۇ. قىزىش ئورگانىزمنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان بىر خىل قوغدىغۇچى رېفلېكسى. ئەمما ئەگەر قىزىتما داۋاملاشسا، ئورگانىزمنىڭ تەڭشەش ئىقتىدارىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ نۇرغۇنلىغان ناچار رېئاكسىيىلەرنى پەيدا قىلىدۇ. مەسىلەن: ئوكسىگېننىڭ سەرپىياتى ئېشىپ كېتىش قاتارلىقلار. بەدەن تېمپېراتۇرىسى تۇيۇقسىز، تېز سۈرئەتتە يۇقىرىلاپ كەتسە چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتى زىيادە ئويغىنىشتىن كىچىك بالىلاردا تارتىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە