ئائىلىلەردە ئىشلىتىدىغان ئېلېكتر سايمانلىرىنىڭ سۈپەتلىك تۇغۇشقا تەسىرى بارمۇ؟
نېمە ئۈچۈن
ئائىلىلەردە ئىشلىتىدىغان ئېلېكتر سايمانلىرى گەرچە كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا ناھايىتى نۇرغۇنلىغان قۇلايلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق يەنە ئىنسانلارنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزۈپمۇ كەلدى. بولۇپمۇ ھامىلىدار ئاياللار بۇنىڭغا تېخىمۇ سەزگۈر، ئائىلە ئېلېكتر سايمانلىرىنى مۇۋاپىق ئىشلەتمىگەندە، ھامىلىدار ئاياللار ۋە ھامىلىگە خەتەرلىك ئامىللارنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن. شۇڭا، ئالىملار ھامىلىدار ئاياللارنى ئائىلە ئېلېكتر سايمانلىرىدىن يىراقراق تۇرۇشقا ئاگاھلاندۇرىدۇ. ئېلېكتر سايمانلىرى ئائىلىگە كىرگەندىن كېيىن شاۋقۇن - سۈرەنمۇ تەڭ كىرىپ كەلدى. ئىنسانلارغا ئەڭ مۇۋاپىق بولغان ئاۋاز 18 ~ 35 دېتسبېل بولۇپ، بەزى ئائىلە سايمانلىرىدىن چىقىدىغان ئاۋاز بۇنىڭدىن يۇقىرى، شۇنداقلا بىز بۇنى ئوڭايلىقچە ھېس قىلالمايمىز. مەسىلەن: شامالدۇرغۇچنىڭ 40 ~ 50 دېتسبېلغىچە، كىرئالغۇدىن چىققان ئاۋاز 60 ~ 80 دېتسبېلغىچە، تېلېۋىزوردىن چىققان ئاۋاز 50 ~ 70 دېتسبېلغىچە، چاچ قۇرۇتقۇچنىڭ 65 ~ 85 دېتسبېلغىچە، ئۈنئالغۇ ۋە رادىئونىڭ 70 ~ 90 دېتسىبېلغىچە.
ئەگەر ھامىلىدار ئاياللار ئۇزاق مۇددەت مۇشۇنداق شاۋقۇن - سۈرەن ئىچىدە تۇرسا، ھامىلىگە ناھايىتى پايدىسىز. خىلمۇخىل ئېلېكتر سايمانلىرىغا توك ئۇلىنىپ تۇرغاچقا، ئوخشاش بولمىغان دولقۇن ئۇزۇنلۇقى ۋە چاستوتىلىق ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنىنى پەيدا قىلىدۇ. ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنى ئادەم بەدىنىدىكى بىئو رىتىمىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، ھامىلىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. توكلۇق گىلەم پەيدا قىلغان ئېلېكتر ماگنىت كاشىلىسىدا، بويىدىن ئاجراش ئېھتىماللىقى ناھايىتى چوڭ. باشقا مىكرو ئېلېكتر ئوچاق، كومپيۇتېر، ئېلېكترونلۇق سائەت، شامالدۇرغۇچ قاتارلىقلار ئوڭايلا ئېلېكتر ماگنىت مەيدانىنى پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا ھامىلىدار ئاياللار ئېلېكتر سايمانلىرىنى ئېمكانقەدەر ئاز ئىشلىتىشى ۋە ئىشلەتكەندە بەلگىلىك ئارىلىق قالدۇرۇشقا دىققەت قىلىشى كېرەك.