ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تېنىدىكى تىكەنلەر نەدىن كەلگەن؟
نېمە ئۈچۈن
ئۆسۈملۈكلەرنىڭ كىشىنى ئەڭ بىزار قىلىدىغان يېرى ئۇنىڭ تېنىدىكى تىكىنى. ئەگەر ئېھتىياتسىزلىقتىن ئۇنىڭ تىكىنى سانجىلىپ كېتىدىغان بولسا ئادەم ئاغرىققا چىدىيالماي قالىدۇ، ئېغىر بولغاندا تېخى قان چىقىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ تىكەنلەر ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تېنىدىكى باشقا ئەزالىرىنىڭ تەرەققىي قىلىپ ئۆزگىرىشىدىن بارلىققا كەلگەن.
پېتەكگۈلنى ئالساق، ئۇنىڭ تېنىدىكى تىكەنلىرى يوپۇرماقلىرىنىڭ چېكىنىشىدىن شەكىللەنگەن. پېتەكگۈلنىڭ ماكانى قۇرغاق قۇملۇق رايون بولۇپ، ئۇ جايدا يامغۇر ئاز ياغىدۇ، لېكىن پارغا ئايلىنىش كۈچلۈك، شۇڭا ئۇ قۇرغاق مۇھىت تۇرمۇشىغا ماسلىشىش ئۈچۈن، يوپۇرماقلىرىنى چېكىندۈرۈپ يىڭنىسىمان ھالەتكە كەلتۈرۈپ، سۇنىڭ پارغا ئايلىنىش كۆلىمىنى كىچىكلىتىپ، يوپۇرماقنىڭ ئورنىغا يېشىل رەڭلىك قېلىن گۆشلۈك غولى ئارقىلىق فوتوسىنتېز ئېلىپ بارغان. زىرىق، ئاق ئاكاتسىيە قاتارلىقلارنىڭ تېنىدىكى تىكەنلىرىمۇ يوپۇرماقنىڭ چېكىنىشىدىن شەكىللەنگەن. شۇڭا، بۇ تىكەنلەر <يوپۇرماق تىكىنى> دەپ ئاتىلىدۇ.
بەزى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ، مەسىلەن، ئالىقات، دولانا قاتارلىقلارنىڭ تىكىنى غولنىڭ تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ ئۆزگىرىشىدىن شەكىللەنگەن، شۇڭا ئۇ <غول تىكىنى> دەپ ئاتىلىدۇ. غول تىكىنىنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇنىڭ ئۆسىدىغان مەلۇم ئورنى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە غولىنىڭ ئىچكى قىسمىدا پەيدا بولىدۇ ھەمدە غولىنىڭ ئۆتكۈزگۈچى تالا دەستىسى بىلەن تۇتاشقان بولىدۇ، شۇڭا ئادەتتە ئاسان سۇنمايدۇ ياكى سويۇلۇپ چۈشۈپ كەتمەيدۇ.
يەنە ئازغان، قىزىلگۈل، ئەتىرگۈل قاتارلىقلاردىن ئۆسۈپ چىققان ئىكەن، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ سىرتقى قوۋزاق تۈكچىلىرى ۋە ئاز ساندىكى قوۋزاق قەۋىتى ھۈجەيرىلەرنىڭ شەكىل ئۆزگەرتىشىدىن شەكىللەنگەن بولۇپ، <قوۋزاق تىكىنى> دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ تىكەنلەرنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى يوپۇرماق تىكىنى بىلەن غول تىكىنىگە ئاساسەن ئوخشىشىدۇ، لېكىن پۈتۈنلەي ئوخشىشىپ كەتمەيدۇ. ئۇلار غولىنىڭ ئچىكى قىسمى بىلەن قىلچە مۇناسىۋەتسىز بولۇپ، ئۆسۈپ چىققان ئورنى ناھايىتى قالايمىقان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ناھايىتى ئاسانلا سويۇلۇپ چۈشۈپ كېتىدۇ، سويۇلۇپ چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىن قېلىپ قالغان يۈزمۇ ناھايىتى سىلىق بولىدۇ.
ئۆسۈملۈكلەرنىڭ پۈتۈن تېنىنىڭ تىكەنلىك بولۇشى قارىماققا ناھايىتى قورقۇنچلۇق بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ ئۇلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق. ئادەم ياكى ھايۋانات ئۆتكۈر تىكەنلەر قاپلىغان ئۆسۈملۈكلەرنى كۆرگەندە كۆپىنچە چېقىلالمايدۇ، ئەتراپىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ كېتىدۇ؛ ئۆسۈملۈكلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ.