UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن بالدۇر تۇغۇلغان بوۋاقلاردا ئىنتايىنئاسانلا قان ئازلىق كۆرۈلىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن بالدۇر تۇغۇلغان بوۋاقلاردا ئىنتايىنئاسانلا قان ئازلىق كۆرۈلىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن بالدۇر تۇغۇلغان بوۋاقلاردا نورمال يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارغا قارىغاندا ئاسانلا قان ئازلىق كۆرۈلىدۇ ھەمدە تۇغۇلغاندىكى بەدەن ئېغىرلىقى قانچە يېنىك بولسا، قان ئازلىقمۇ شۇنچە ئېغىر بولىدۇ. بۇ نېمە ئۈچۈن؟ ئاۋۋال، بالدۇر تۇغۇلغان بوۋاقلار تۇغۇلۇپ ئىككى كۈندىن ئۈچ كۈندىلا قاندىكى ھىموگلوبىن تېز سۈرئەتتە تۆۋەنلەپ، ھەتتا مىللىتېر 100 / گرام 6.9 غا يېتىدۇ. بۇ بالدۇر تۇغۇلغان بوۋاقلار تۇغۇلغاندا بەدىنىنىڭ تولۇق يېتىلىپ بولماسلىقتىن، بەدەنكى تۆمۈر يېتىشمەسلىك، ۋىتامىن B12، ۋىتامىن E بىلەن يوپۇرماق كىسلاتاسى كەملىك قاتارلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك. تۆمۈر، ۋىتامىنB12، يوپۇرماق كىسلاتاسى بولسا قىزىل قان ھۈجەيرىسى پوستىنى شەكىللەندۈرگۈچى ماددىلار، بۇ ماددىلارنىڭ كەمچىل بولۇشى زور مىقداردا قىزىل قان ھۈجەيرىسىنىڭ بۇزۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقتىن، مۇقەررەر ھالدا قان ئازلىق كېلىپ چىقىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن، بالدۇر تۇغۇلغان بالىلارنىڭ يېتىلىشى نورمال يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىن كۆپ تېز، شۇڭا ھەرخىل ئوزۇقلۇق نىسبەتەن يېتىشمەيدۇ. ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ بەدەن ئىچىدە ساقلىنىشى نورمال يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىن ئاز، شۇڭا ئەگەر ئوزۇقلاندۇرۇش مۇۋاپىق بولمىسا ئاسانلا كەم قان بولىدۇ. بالدۇر تۇغۇلغان بالىلاردىكى قان ئازلىقنى تۈزىتىشتە، ئائىلە باشلىقلىرى ئاساسلىقى يېمەك - ئىچمەكنى تەڭشەشكە بەكرەك ئېتىبار بېرىش لازىم. كونكرېت ئوزۇقلاندۇرۇش ئۇسۇلىنى<بالدۇر تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئوزۇقلاندۇرۇلۇشى> دىن كۆرۈڭ.
← بارلىق تېمىلار نەمە