نېمە ئۈچۈن ئايروپىلان شامالغا قارشى ئۇچۇپ - قونىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
ئايروپىلان ئادەتتە شامالغا قارشى ئۇچۇپ - قونىدۇ، بۇ نېمە ئۈچۈن؟
ئايروپىلان ئۇچقاندا، ئايروپىلان قانىتى كۆتۈرۈلۈش كۈچى ھاسىل قىلىدۇ. كۆتۈرۈلۈش كۈچى ئايروپىلان ئېغىرلىقىدىن چوڭ بولغان چاغدىلا ئايروپىلان ئاندىن ئۇچالايدۇ. كۆتۈرۈلۈش كۈچى ئايروپىلان قانىتى كۆلىمىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى ۋە ئايروپىلاننىڭ يەر يۈزىدىكى سۈركىلىپ مېڭىش تېزلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشتىن تاشقىرى، يەنە ئايروپىلان قانىتى يېرىپ ئۆتىدىغان ھاۋا ئېقىمىنىڭ تېزلىكى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك. ئايروپىلان قانىتى يېرىپ ئۆتىدىغان ھاۋا ئېقىمىنىڭ سۈرئىتى قانچە تېز بولسا، ئايروپىلان قانىتى ھاسىل قىلىدىغان كۆتۈرۈلۈش كۈچىمۇ شۇنچە چوڭ بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئايروپىلان ئۇچقاندا، ئەگەر شامالنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرىسا، ئۇ ھالدا ئايروپىن قانىتى يېرىپ ئۆتىدىغان قانىتى يېرىپ ئۆتىدىغان ھاۋا ئېقىمىنىڭ تېزلىكى ئايروپىلاننىڭ سىيرىلىپ مېڭىش تېزلىكىنى ئاشۇرىدۇ، - دە، ئايروپىلاننىڭ كۆتۈرۈلۈش كۈچى ئاشىدۇ. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئايروپىلان تېخىمۇ چوڭ كۆتۈرۈلۈش كۈچىگە ئىگە بولۇش ھەمدە يەردە سىيرىلىپ ماڭغاندىكى ئارىلىقنى قىسقارتىش ئۈچۈن شامالغا قارشى ئۇچۇشى كېرەك.
ئايروپىلان قونغاندا، شامالنىڭ قارشىلىق كۈچى ئارقىلىق ئايروپىلاننىڭ تېزلىكىنى ئاستىلىتىش ئۈچۈن شامالغا قارشى قونىدۇ. بۇنداق بولغاندا، ئايروپىلان قونغان چاغدىكى سىيرىلىپ ماڭىدىغان ئارىلىق سەل قىسقىرايدۇ، شۇنىڭ بىلەن قونۇش جەريانى ئىمكانقەدەر تېز ئاخىرلىشىدۇ. يۇقىرى سۈرئەتتە ئۇچىدىغان ئالەم كېمىسىگە ئوخشاش ئۇچۇش ئەسۋابلىرى يەرگە قونغاندا، ھاۋانىڭ قاراشلىق كۈچىنى چوڭايتىش ، ئايروپىلان سۈرئىتىنى ئىمكانقەدەر تېز ئاستىلىتىش ئۈچۈن يەنە توسقۇنلۇق كۈچى ھاسىل قىلىدىغان بىر ياكى بىر قانچە پاراشوتنى ئېچىۋېتىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، ئايروپىلان قونغاندا سۈرئىتى بىر قەدەر ئاستىلايدىغان بولغاچقا، ئەگەر مۇشۇ چاغدا كۈچلۈك قىيپاش شامالنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىسا، ئايروپىلان قىيسىيىپ قېلىپ، ھادىسە كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئايروپىلان شامالغا قارشى ئۇچۇپ، شامالغا قارشى قونسا بىخەتەرلىكنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.