ئاتىنىڭ بالىنى ئەگەشتۈرۈپ يۈرۈشىنىڭ قانداق ئارتۇقچىلىقى بار؟
نېمە ئۈچۈن
ئاتىنىڭ بالا بىلەن بىرلىكتە ئوينىشىنى ئانىنىڭ بالا بىلەن بىرلىكتە ئوينىشىغا سېلىشتۇرغاندا تەرتىپ ئازراق بولىدۇ. نىسبەتەن شوخراق بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇقىم ھالەتتە مەلۇم بىر خىل ماددىدىن پايدىلىنىشنىڭ ھاجىتى يوق. بۇ خىل خىسلەت بالىلاردا يېڭى ئۈلگە پەيدا قىلىپ، بالىلارغا بىر تەپەككۇر بوشلۇقىنى ئاتا قىلىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا، ئاتا - بىلەن بالىنىڭ ئۇچرىشىنى، ئوبيېكتىپ جەھەتتە بالىلارغا مەشىق قىلىش پۇرستىنى تەمىنلەپ بېرىدۇ. ئانا بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئاتىنىڭ بالىدىن خەۋەر ئېلىشى ئاددىي، ئەنسىرىشى ئاز بولغاچقا، بىر قىسىم پائالىيەتلىرى ئانا بار ۋاقىتقا قارىغاندا بىر ئاز كۆپ بولىدۇ. مەسىلەن: يۇقىرىغا يامىشىپ ئۆمىلەش جەريانىدا، ئاتا بىر يەردە تۈزىتىپ تۇرىدۇ. ئانا بولسا ياندا تۇرۇپ قوغداپ تۇرىدۇ. ئاتىنىڭ ئۇسۇلى قارىماققا ناھايىتى خەتەرلىكتەك كۆرۈلسىمۇ، بىراق بالا ئادەم بولمىغان ئەھۋالدا، ئۆزىنىڭ تەسىراتى تېخىمۇ چوڭقۇر، ئەمەلىي پۇرسەت ۋە بېشىدىن كەچۈرىدىغىنى تېخىمۇ مول بولىدۇ. شۇڭا، بەزى تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشچە، 15 ئايلىق بولغاندا ئانا بالىنىڭ ئويۇن جەريانىدىكى ئاساسلىق ھەمراھى، 20 ئايلىق بولغاندا، ئاتا مۇھىم ھەمراھى بولسا، 30 ئايلىق بولغاندا ئاتا ئاساسلىق ھەمراھى بولسا ئەڭ ياخشى بولىدىكەن.