يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى ياغ تەپچىيدىغان تېرە ياللۇغىنى قانداق كۈتۈش كېرەك؟
نېمە ئۈچۈن
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى ياغ تەيچىيدىغان تېرە ياللۇغىنىڭ كېسەل سەۋەبى تېخى ئېنىق ئەمەس، بەلكىم ئانا تېنىدىكى ئىچكى ئاجراتمىلارنىڭ تەسىرى، تېرە ياغ بېزى ئىقتىدارىنىڭ ئېشىپ كېتىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. كلىنىكىلىق ئىپادىسى، باش تېرىسى، پېشانە، قاش ئەتراپى، بۇرۇن قانىتى ئويمىنى ھەم قۇلاق كەينىدە قېلىن، نېپىزلىكى ئوخشاش بولمىغان سېرىق ياكى سارغۇچ دارچىن رەڭلىك مايلىق تەڭگىسىمان كېپەكلەر بولۇپ، سېسىق پۇرايدۇ. يەڭگىل قىچىشىدۇ ياكى قىچىشمايدۇ. ئېغىر بولغانلىرى قېلىن يىغىلىپ قاقاچ بولىدۇ. سۈرتۈۋەتسە يەنە ئىلگىرىكىدەك قايتا پەيدا بولىدۇ. داۋالىغاندا شۇنىڭغا دىققەت قىلىش يەنى كېسەللەنگەن ئورۇندىكى كىر قاقىچىنى ۋە تەڭگىسىمان كېپەكنى سۇپۇن بىلەن يۇيۇش مۇۋاپىق ئەمەس. كۈندە پاختىنى تەركىبىدە 2% سالىتىسىلىك كىسلاتا بولغان خاسىڭ مېيىغا ياكى قىچا مېيىغا چىلاپ، تېرىنى بىرنەچچە قېتىم سۈرتۈپ قاقاچنى چىقىرىۋېتىپ ئاندىن باكتېرىيىگە قارشى دورىلار (ئانتىبىئوتىكلار) ۋە پوستلاق ستېروئىدلىرى ھورمۇنى ئېمۇلىسىيىسى ياكى مەلھىمىنى سۈرۈش ياكى 3% لىك گۈڭگۈرت خىلور ھىدروكسى خىنولىن مەلھىمى ئىشلەتسىمۇ ۋە ياكى چۆكتۈرۈلگەن ئاق سىماب مەلھىمى ئىشلىتىپ، ئىچىدىن ۋىتامىن B2 ياكى مۇرەككەپ ۋىتامىن B ئىچۈرسىمۇ بولىدۇ.