دەسلەپكى مەزگىلدىكى بالىلار تەربىيىسى قايسى خىل مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
بىر ياشتىن ئۈچ ياشقىچە بولغان ۋاقىت بالىلارغا تەربىيە ئېلىپ بارىدىغان ھالقىلىق مەزگىل. دەسلەپكى مەزگىلدىكى تەربىيە ناھايىتى مول مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئاتا - ئانىلار دەسلەپكى مەزگىلدىكى تەربىيىنى ئاددىي ھالدا بالىلارغا بىلىم بېرىدىغان، ئەقلىي ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدىغان ياكى بالىلارنىڭ <تەبىئىي تالانتىنى> يېتىشتۈرىدىغان مەزگىل دەپ قارىماسلىقى كېرەك. دەسلەپكى مەزگىلدىكى تەربىيىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە: ئاتا - ئانىسىنىڭ تىرىشچانلىقى ئاستىدا، بالىلار شوخ، خۇشال - خۇرام، ساغلام ھالدا ئۆسۈپ يېتىلىشى، ياخشى بولغان تۇرمۇش ئادىتى، تۇرمۇشتا ئۆز - ئۆزىگە مۇستەقىل بولۇش ئىدىيىسى، جەمئىيەتتىكى ئالاقە ئىقتىدارى، دوستلىرى بىلەن چىقىشىپ ئۆتۈش، ئەقلىي قابىلىيىتى، كۆزىتىش ئىقتىدارى، ئەستە تۇتۇش، تەسەۋۋۇر قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش، ھەق - ناھەقنى تونۇش ۋە ئەخلاقىي كۆز قاراشنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك.