UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبىر ئايلىق بوۋاقلارغا بېلىق جېگىرى مېيى قانداق قوشۇپ بېرىلىدۇ؟

بىر ئايلىق بوۋاقلارغا بېلىق جېگىرى مېيى قانداق قوشۇپ بېرىلىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن بېلىق جىگىرى مېيى بولسا بىر خىل ۋىتامىن تۈرىدىكى دورا بولۇپ، ئاساسلىقى ۋىتامىن A بىلەن ۋىتامىن D نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئانا سۈتى بىلەن كالا سۈتى تەركىبىدە ۋىتامىن D نىڭ مىقدارى ئازراق بولۇپ، مەيلى ئانا سۈتى بىلەن بېقىلغان ياكى سۈنئىي بېقىلغان بوۋاقلاردا بولسۇن، ئادەتتىكى ئەھۋالدا، نورمال تۇغۇلغان بوۋاقلارغا ئېيى توشقاندىن باشلاپ، بالدۇر تۇغۇلغان بوۋاقلارغا 15 - كۈنىدىن باشلاپ بېلىق جىگىرى مېيىنى تولۇقلاپ، كالتسىي، فوسفورنىڭ مېتابولىزمى ۋە سۈمۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. بېلىق جىگىرى مېيى تېمىتىش دورىسىنىڭ دورا شەكلى ھەرخىل بولۇپ، تەركىبىدىكى ۋىتامىن A، ۋىتامىن D نىڭ مىقدارىمۇ ئوخشىمايدۇ. قويۇقلاندۇرۇلغان بېلىق جىگىرى مېيىنى مىسالغا ئالساق، ھەر مىللىلىتىر بېلىق جىگىرى مېيى تەركىبىدە ۋىتامىن D نىڭ مىقدارى 5000 خەلقئارا بىرلىك، ھەر مىللىلىتىرى تەخمىنەن 20 تامچە بولۇپ، بۇنداقتا ھەر تامچىدىكى ۋىتامىن D تەخمىنەن 250 خەلقئارا بىرلىك بولىدۇ. بوۋاققا ھەر كۈنى بېرىلىدىغان ۋىتامىن D نى 400 خەلقئارا بىرلىككە يېتىدۇ دەپ ھېسابلىساق، بوۋاققا ھەر كۈنى ئىككى تامچە قويۇقلاندۇرۇلغان بېلىق جىگىرى مېيى بەرسىلا ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ. ئادەتتىكى ئەھۋالدا بوۋاققا بېلىق جىگىرى مېيى تولۇقلاشنى بىر - ئىككى ياشقىچە داۋاملاشتۇرۇش. ئۇنىڭدىن سىرت كۆرسىتىپ بېرىشكە تېگىشلىكى، بېلىق جىگىرى مېيىنى نورمىدىن كۆپ ئىچۈرگەندە ئېغىر دەرىجىدە خەۋپ كېلىپ چىقىدۇ، شۇڭا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى ئاستىدا ئىلمىي ھالدا ئىچكۈزۈش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە