UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن مېتېئورت يەر شارىغا چۈشۈپ كەتسە ئاپەت ئەكېلىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن مېتېئورت يەر شارىغا چۈشۈپ كەتسە ئاپەت ئەكېلىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن ئالەمدە ئۇششاق سەييارىلەر ۋە مېتېئورتلارنىڭ يەر شارىغا سوقۇلۇپ كېتىش ھادىسىلىرى ئاندا - ساندا كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ، لېكىن غايەت زور مېتېئورىت يەر شارىغا سوقۇلۇپ چۈشۈپ كېتىدىغان بولسا، ئۇ يەر شارىنىڭ مۇھىتىغا غايەت زور تەسىر كۆرسىتىپ ئاپەت خاراكتېرلىك كىلىمات ئۆزگىرىشى پەيدا قىلىدۇ. بىرىنچىدىن، غايەت زور مېتېئورىت يەر شارىغا سوقۇلغاندا پەيدا بولىدىغان ئېنېرگىيە خېلىلا زور بولىدۇ. مەسىلەن، بىر كىچىك سەييارە يەر شارىغا سوقۇلغاندا پەيدا بولىدىغان ئېنېرگىيە بىر مەيدان يادرو ئۇرۇشى پەيدا قىلغان ئېنېرگىيىدىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن. بۇنداق غايەت زور ئېنېرگىيە كۆزنى يۇمۇپ - ئاچقۇچە يەر يۈزى ۋە ئاتموسفېرا چۈشسە، يەر شارى كىلىماتىنىڭ نورمالسىز ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر ئۇ يۇقىرى بېسىملىق ھاۋا ماسسىسى بولۇڭپ شەكىللەنسە، ھاۋا ماسسىسىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئۆرلەپ 20 مىڭ سېلسىيە گرادۇسقا يېتىشى مۇمكىن، شۇڭا بۇ خىل ھاۋا ماسسىسىنىڭ تارقىلىشى ۋە يۆتكىلىشى نەتىجىسىدە بىر قانچە مىڭ كۋادرات كىلومېتىر دائىرىدىكى بارلىق ماددىلار كۈلگە ئايلىنىپ كېتىشى مۇمكىن. ئىككىنچىدىن، مېتېئورىت يەر شارىغا چۈشكەندىن كېيىن پەيدا بولغان چاڭ - توزان ۋە زىيانلىق گاز جىسىملىرى ئاتموسفېرادا بىر قانچە ئاي ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزاق ۋاقىت تۇرۇپ قالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن قۇياش نۇرنىڭ كەڭ زېمىننى يورۇتۇشى توسالغۇغا ئۇچرايدۇ. قۇياش نۇرى يەر زېمىننى تولۇق يۇرۇتالمىغاچقا ئۆسۈملۈكلەر ھالاك بولۇشى، كېسەللىكلەرنىڭ كۆپىيىشى، ھەتتا پۈتۈن يەر شارىدىكى ئاھالىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئازلاپ كېتىشى قاتارلىق ئاپەتلەر كېلىپ چىقىدۇ. تېخىمۇ ئېغىرى شۇكى، پۈتۈن دۇنيادىكى دېڭىز سۈيى تېمپېراتۇرىسى ئۈچ - تۆت سېلسيە گرادۇسقىچە تۆۋەنلەپ، قۇرۇقلۇق يۈزى تېمپېراتۇىسى 10 - 15 سېلسىيە گرادۇسقا چۈشۈپ قالىدۇ، ئويلاپ باقايلى بۇ نېمىدېگەن قورقۇنچلۇق ئاقىۋەت. ئۈچىنچىدىن، مېتېئورىتنىڭ يەر شارىغا سوقۇلۇشى يەنە يەر شارى ئوزونوسفېرا قاتلىمىنىڭ خورىشى، كىسلاتالىق يامغۇرنىڭ كۆپىيىشى، ئۇلترا بىنەپشە نۇر رادىئاتسىيىسىنىڭ ئېشىپ كېتىشى قاتارلىق ناچار ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، مېتېئورىتنىڭ يەر شارىغا سوقۇلۇشى ۋە چۈشۈپ كېتىشى پۈتكۈل يەر شارىنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىنى بۇزۇپ، ئىنسانلارغا ئەجەللىك ئاپەتلەرنى ئەكېلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە