دېڭىز بوغۇزى قانداق شەكىللەنگەن؟
نېمە ئۈچۈن
دۇنيادا نۇرغۇن داڭلىق دېڭىز بوغۇزلىرى، مەسىلەن، قارا دېڭىز بىلەن ئېگېي دېڭىزىغا تۇتىشىدىغان بوسپورۇس دېڭىز بوغۇزى، ئاسىيا - ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقى بىلەن ئامېرىكا قىتئەسى چوڭ قۇرۇقلۇقىغا تۇتىشىدىغان بېرىڭگى دېڭىز بوغۇزى، جەنۇبىي دېڭىز بىلەن ئاندامان دېڭىزىنى تۇتاشتۇرىدىغان مالاككا دېڭىز بوغۇزى قاتارلىقلار بار. دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن دېڭىز بوغۇزى ئافرىقىنىڭ شەرقىدىكى موزامبىك دېڭىز بوغۇزى بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 1670 كىلومېتىر كېلىدۇ.
دېڭىز بوغۇزى يەر پوستى ھەرىكىتى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان، يەر پوستى شىددەتلىك ھەرىكەتلەنگەندە، دېڭىز - ئوكيانغا يېقىن بىر قىسىم قۇرۇقلۇق يېرىلىپ داۋاملىق تۆۋەنلىگەن، يېرىلغان جايلار ئولتۇرۇشۇپ چوڭقۇر جىلغا پەيدا بولغان، ئۇنىڭغا نۇرغۇن دېڭىز سۈيى كىرىپ، قۇرۇقلۇق بىلەن ئۇنىڭ يېنىدىكى ئارالنى ۋە قوشنا ئىككى چوڭ قۇرۇقلۇقنى ئايرىۋەتكەن، شۇنىڭ بىلەن دېڭىز بوغۇزى شەكىللەنگەن. ئومۇمەن دېڭىز بوغۇزىدىكى سۇ يولى تار بولغاچقا سۇ ئېقىنى تېز بولىدۇ، دېڭىز سۈيىنىڭ ئۈستۈنكى قاتلىمى بىلەن ئاستىنقى قاتلىمىدىكى تېمپېراتۇرا، تۇز تەركىبى، رەڭگى قاتارلىقلاردا پەرق بولىدۇ. دېڭىز بوغۇزنىڭ دېڭىز تەكتىدە كۆپىچنە تاغ جىنىسلىرى بولىدۇ، ئۇششاق چۆكۈندىلەر ناھايىتى ئاز بولىدۇ، بۇنداق بولۇشى دېڭىز بوغۇزىنىڭ شەكىللىنىش سەۋەبى ۋە سۇ يولىنىڭ تار بولغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
جۇغراپىيىلىك جەھەتتە دېڭىز بوغۇزىنىڭ ئورنى ئالاھىدە مۇھىم. ئۇ قۇرۇقلۇق بىلەن قۇرۇقلۇقنى، قۇرۇقلۇق بىلەن ئارالنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان <كۆۋرۈك> بولۇپ، سۇ قاتنىشىدا، بولۇپمۇ ھەربىي ئىشلاردا مۇھىم قاتناش يولى بولۇپ قالدى. ھەممىگە مەلۇمكى، كىم دېڭىز بوغۇزىنى تىزگىنلىۋالسا، شۇ ھەربىي ئىشلار جەھەتتىكى تەشەببۇسكارلىقىنى ئىگىلىۋالىدۇ. شۇڭا تارىختىكى بەزى مۇھىم ئۇرۇشلارنىڭ كۆپىنچىسى دېڭىز بوغۇزىدا يۈز بەرگەن.