UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبالىلار توپا يېيىشكە ئامراق بولۇپ قالسا قانداق قىلىش كېرەك؟

بالىلار توپا يېيىشكە ئامراق بولۇپ قالسا قانداق قىلىش كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن ئەگەر بالىلار توپىغا ئامراق بولۇپ قالسا، سىنك كەمچىل بولۇشتىن بولۇپ، سىنك تولۇقلاش كېرەك. بالىلارغا سىنك تولۇقلاش ئۇسۇلىدا بوۋاقلارنىڭكىگە سېلىشتۇرغاندا بەلگىلىك پەرق بار. بوۋاقلار ئانا سۈتى ئارقىلىق سىنك تولۇقلىسا بولىدۇ، بىراق بىر ياشتىن ئاشقان بالىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئەمچەكتىن ئايرىلغان بولغاچقا، يېمەكلىك ۋە دورا ئۆسۈملۈكلىرى ئارقىلىق سىنك تولۇقلىسا بولىدۇ. بىراق بوۋاقلارغا سېلىشتۇرغاندا، بالىلارنىڭ ئۈستۈن تۇرىدىغان يېرى شۇكى، بوۋاقلار ئىستېمال قىلالمايدىغان نەرسىلەرنى، سىنك مول بولغان يېمەكلىكلەر ۋە دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى ئىستېمال قىلالايدۇ، سىنك بىر قەدەر كۆپ بولغان يېمەكلىكلەر: قاپلىق دېڭىز مەھسۇلاتلىرى مەسىلەن: دېڭىز ئوستېر قۇلۇلىسى، يېڭى يەلپۈگۈچسىمان قۇلۇلە ۋە راك قاتارلىقلار. قىزىل رەڭلىك گۆشلەر، ھايۋانات جىگىرى قاتارلىقلار. قۇرۇق مېۋىلەر مەسىلەن: خاسىڭ ۋە ئۆرۈك مېغىزى قاتارلىقلاردا سىنك بىر قەدەر كۆپ بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، دانلىق زىرائەت ۋە بۇغداينىڭ تەركىبىدە سىنك ناھايىتى مول، يېمەكلىك ئارقىلىق سىنك تولۇقلىغاندا، ھەر ھەپتىسى بالىلارغا بىر - ئىككى قېتىم دېڭىز مەھسۇلاتلىرى، بىر قېتىم جىگەر، ئۈچ قېتىمدىن تۆت قېتىمغىچە ئورۇق گۆش بېرىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، بالىلارغا خاسىڭ شەربىتى، ئۆرۈك شەربىتى بېرىش ئارقىلىق سىنك تولۇقلاشقا بولىدۇ، بىراق خاسىڭ شەربىتى بىلەن ئۆرۈك شەربىتىنى كۆپ بەرمەسلىك كېرەك. ئەگەر بالىلاردا سىنك كەم بولۇش ئەھۋالى بىر قەدەر ئېغىر بولسا، چوقۇم دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە دورا ئارقىلىق سىنك تولۇقلاش، بىراق يەنە سىنكنى زىيادە كۆپ تولۇقلاپ، سىنكتىن زەھەرلىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە