نېمە ئۈچۈن يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئىككى يۈزى تولغان بولىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
ئاتا - ئانىلارنىڭ بوۋاقنىڭ تولۇپ تۇرغان ئىككى يۈزىنى كۆرگەندە تولىمۇ ئوماق ھېس قىلىدۇ. بوۋاق مەڭزىنى تولۇپ تۇرۇشى ئۇلارنىڭ تېرە ئاستىدا ئالاھىدە ماي توقۇلمىسى بولغانلىقىدىن. بۇ تېبابەتتە <يۈز ماي تېنى> دېيىلىدۇ. بوۋاق سۈت ئەمگەندە ئۈستۈنكى تاڭلاي، لەۋ، ئىككى يۈز ھەم تىل ھەرىكىتىنىڭ ماسلىشىشىغا موھتاج، يۈز ماي تېنى ئۈستۈنكى تاڭلاينى تىرەش رولىنى ئوينايدۇ. بەزى بوۋاقلارنىڭ يۈز ماي تېنى چوڭ بولۇپ، ئۈزلۈكسىز ئېمىش ھەرىكىتى ئارقىلىق تېخىمۇ تەرەققىي قىلىپ ھەمدە ئېغىز بوشلۇقىغا چوقچىيىپ چىقىپ <ياچىۋەك ئېغىز> غا ئوخشاپ قالىدۇ. بوۋاقنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئادەتتە بىر ئاي ئەتراپىدا يۈز ماي تېنى بارا - بارا كىچىكلەپ يوقايدۇ.