UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن ئەسەد يۇلتۇز تۈركۈمى ئاقار يۇلتۇز يامغۇرى پەيدا بولىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن ئەسەد يۇلتۇز تۈركۈمى ئاقار يۇلتۇز يامغۇرى پەيدا بولىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن 2001 - يىل 11 - ئاينىڭ 19 - كۈنى سەھەردە، سان - ساناقسىز ئاقار يۇلتۇز ئەسەد يۇلتۇز تۈركۈمى يۆنىلىشىدىن بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى، بىر توپقا يەنە بىر توپ ئۇلىشىپ دېگەندەك ھالەتتە يەر شارىغا قاراپ چۈشۈپ، كىشىلەرنىڭ كۆزىنى قاماشتۇرۇۋەتتى. مانا بۇ داڭلىق ئەسەد يۇلتۇز تۈركۈمى ئاقار يۇلتۇز يامغۇرىدىن ئىبارەت. ستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، بۇ قېتىمى ئەسەد يۇلتۇز تۈركۈمى ئاقار يۇلتۇز يامغۇرىدا چۈشكەن ئاقار يۇلتۇز سانى سائىتىگە نەچچە مىڭغا يەتكەن. قۇياش سىستېمىسىدا سانسىزلىغان كىچىك ئاقار يۇلتۇزلار بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى مۇئەييەن ئوربىتىنى بويلاپ قۇياشنى چۆرىدەپ ئايلىنىدۇ. بەزىدە چوڭ بىر توپ ئاقار يۇلتۇزلار ئوخشاش بىر ئوربىتىنى بويلاپ قۇياشنى چۆرىدەپ ئايلىنىپ، <ئاقار يۇلتۇز گۇرۇپپىسى> نى شەكىللەندۈرىدۇ. ئەگەر يەر شارى مەلۇم بىر ئاقار يۇلتۇز گۇرۇپپىسى بىلەن ئۇچراشسا، كۆپ مىقداردىكى ئاقار يۇلتۇز يەر شارى ئاتموسفېرا قاتلىمىغا ئۈسۈپ كىرىدۇ - دە، ئاقار يۇلتۇز گوياكى يامغۇر ياغقاندەك، ئاسمان بوشلۇقىدا توپ - توپ بولۇپ پەيدا بولىدۇ. ئاقار يۇلتۇز يامغۇرى پەيدا بولغاندا، ئاقار يۇلتۇزلار خۇددى ئاسماندىكى ئوخشاش بىر نۇقتىدىن چىقىپ تەرەپ - تەرەپكە تارقىلىۋاتقاندەك كۆرۈنىدۇ. ئاشۇ نۇقتا قايسى يۇلتۇز تۈركۈمىدە بولسا، بىز بۇ ئاقار يۇلتۇز ەۇرۇپپىسىنى شۇ يۇلتۇز تۈركۈمىنىڭ نامى بىلەن ئاتايمىز. ھەر يىلى 11 - ئايدا يەر شارى ئەسەد يۇلتۇز تۈركۈمى ئاقار يۇلتۇز گۇرۇپپىسىنىڭ ئوربىتىسىدىن ئۆتىدۇ - دە، ئەسەد يۇلتۇز ئاقار يۇلتۇز يامغۇرى شەكىللىنىدۇ. بەلكى ھەر 33 يىلدا بىر قېتىم يەر شارى ئەسەد يۇلتۇز گۇرۇپپىسىنىڭ ئالاھىدە زىچ بىر قىسمى بىلەن ئۇچرىشىدۇ. ئاشۇ چاغدا كىشىلەر بىر قېتىملىق ھەيۋەتلىك ئاقار يۇلتۇزنى يامغۇرىنى كۆرەلەيدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە
نېمە ئۈچۈن ئەسەد يۇلتۇز تۈركۈمى ئاقار يۇلتۇز يامغۇرى پەيدا بولىدۇ؟ | UyghurWiki | UyghurWiki