نېمە ئۈچۈن سوغۇق ئىچىملىكنى كۆپ ئىچىش سالامەتلىككە زىيانلىق؟
نېمە ئۈچۈن
ياز كۈنلىرى ئادەمنىڭ ئېغىز - تىللىرى قۇرۇپ كېتىدۇ، بىر ئىستاكان سوغۇق ئىچىملىك ئىچىۋالسا، ئىسسىق شۇ ھامان تارقىلىپ، كۆپ سالقىنلاپ قالىدۇ. لېكىن سوغۇق ئىچىملىكنى كۆپ ئىچسە، سالامەتلىككە زىيانلىق.
ئادەم سوغۇق ئىچىملىكنى ھەددىدىن زىيادە كۆپ ئىچكەندە ئاشقازان، ئۈچەي كېسەللىكلىرىگە ئاسانلا گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ. سوغۇق ئىچىملىك ئاشقازان، ئۈچەينىڭ تېمپېراتۇرىسىنى تۆۋەنلىتىپ، ئاشقازان شىللىق پەردىسى قان تومۇرلىرىنىڭ يىغىلىپ قېلىشىغا سەۋەبچى بولىدۇ - دە، ئاشقازان سۇيۇقلۇقى ئازلاپ كېتىپ، ئاشقازان، ئۈچەي يوللىرىنىڭ ھەزىم قىلىش ۋە قوبۇل قىلىش ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش ۋە ھەزىم قىلىش ناچارلىشىش ئەھۋالىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، سوغۇق ئىچىملىكتە كۆپ مىقداردا شېكەر بولىدۇ، بۇ بالىلارنىڭ ئىشتىھاسى ۋە نورمال ئوزۇقلىنىشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. داۋاملىق مۇشۇنداق بولۇۋەرسە، بالىلار تاماقتىن قاچىدىغان بولۇپ قالىدۇ. ھەددىدىن زىيادە ئىچىلگەن سوغۇق ئىچىملىك ئۈچەي شىللىق پەردىسى ۋە ئاشقازان دىۋارىدىكى قانۇنىيەتسىز يىغىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ - دە، <قورساق ئاغرىقى> پەيدا بولىدۇ.
سوغۇق ئىچىملىكنى ھەددىدىن زىيادە ئىچكەندە، يەنە ئاسانلا نەپەس يولى كېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىدۇ. سوغۇق ئىچىملىك قىسمەن قان تومۇرلارنى قورۇپ قويىدۇ - دە، قاننىڭ ئېقىشى ئازلاپ كېتىپ، بەدەننىڭ قارشىلىق كۈچى ئاجىزلاپ كېتىدۇ، ھەر خىل كېسەللىك باكتېرىيىلىرى، كېسەللىك ۋىرۇسى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ كىرىپ، نەپەس يولىنىڭ ياللۇغىلىنىشىنى، جىددىي خاراكتېرلىك يۇتقۇنچاق ياللۇغى، بادامبېزى ياللۇغى، كاناي ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، سوغۇق ئىچىملىكلەرنى كۆپ ئىچكەندە باش، يۈز قىسمىدىكى ئۈچ ئاچىماق نېرۋىغا تەسىر كۆرسىتىپ، كىشىنىڭ ئېغىز بوشلۇقى، چىشى، يۈزى، باش تېرىسى قاتارلىق جايلاردا ئاغرىق پەيدا قىلىدۇ.
ئەگەر ئوتتۇرا ياش، ياشانغان كىشىلەر سوغۇق ئىچىملىكنى بەك كۆپ ئىچسە، ئاسانلا يۈرەك سانجىقى پەيدا قىلىدۇ. چۈنكى كۆپ مىقداردىكى سوغۇق ئىچىملىكنىڭ تەسىرىدە، قان تومۇر تارىيىپ، قاننىڭ ئېقىشى ئازىيىپ، تاجىسىمان قان تومۇرىدا ئاسانلا تارتىشىپ قېلىش كېلىپ چىقىدۇ - دە، يۈرەك مۇسكۇللىرىغا قان، ئوكسىگېن يېتىشمەي، يۈرەك سانجىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.