UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن تەرخەمەك ۋە تەرخەمەك كاۋىلار ئاچچىق بولۇپ قالىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن تەرخەمەك ۋە تەرخەمەك كاۋىلار ئاچچىق بولۇپ قالىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن بەزىدە تەرخەمەكنى تىلنى ئېچىشتۇرۇۋېتىدۇ، دەرھال تۈكۈرۈۋەتسىمۇ ئېغىزدا يەنىلا ئاچچىق تەمى قالىدۇ. تەرخەمەك كاۋىنى گۆش بىلەن قورۇغاندا ناھايىتى تەملىك قورۇما بولىدۇ، مۇبادا ئاچچىق تەرخەمەك كاۋا ئارىلىشىپ قالسا ھەتتا گۆشنىمۇ يىگىلى بولمايدۇ. تەرخەمەكلەردىكى بۇ ئاچچىق تەم تېرىپ ئۆستۈرگەن ۋاقىتتىكى پەرۋىشنىڭ ياخشى بولماسلىقىدىن كېلىپ چىققان بولماستىن، بەلكى ئۇ بىر خىل <نەسلىگە قايتىش ھادىسى> ھېسابلىنىدۇ. دېمەك، ئاچچىق تەم ئۇنىڭ ئەجدادىدىن ئىرسىيەت قالغان. بىز مۇنداق بىر تەجرىبە ئىشلەپ باقساق بولىدۇ: ئاچچىق تەرخەمەك كاۋىلارنىڭ ئۇرۇقىنى ساقلاپ قويۇپ كېيىنكى يىلى تېرىساق، ئۇلاردىن چۈشكەن تەرخەمەك ۋە تەرخەمەك كاۋا يەنىلا ئاچچىق بولىدۇ. ئاچچىق تەرخەمەكنىڭ گۈل چېڭىنى ئاچچىق بولمىغان تەرخەمەكنىڭ ئانىلىقىغا چۈشۈرۈپ چاڭلاشتۇرساق ياكى ئاچچىق بولمىغان تەرخەمەكنىڭ گۈل چېڭىنى ئاچچىق تەرخەمەكنىڭ ئانىلىقىغا چۈشۈرۈپ چاڭلاشتۇرۇپ، ئۇلاردىن چۈشكەن تەرخەمەكنىڭ ئۇرۇقىنى كېيىنكى يىلى تېرىساق، نەتىجىدە ئۇلاردىن چۈشكەن تەرخەمەكمۇ يەنىلا ئاچچىق بولىدۇ. تەرخەمەك بىلەن تەرخەمەك كاۋا ئەسلىدە ياۋا ئۆسۈملۈك ھېسابلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىنىڭ تەركىبىدە بىر خىل ئالكالوئىد (گلۇكوزىد دەپمۇ ئاتىلىدۇ) بولۇپ، بۇ بىر خىل ئاچچىق تەملىك ماددىدۇر. ئۇزۇن مەزگىللىك تاللاپ يېتىشتۈرۈش جەريانىدا، كىشىلەر ئۇلارنى تەدرىجىي يېتىشتۈرۈپ تەركىبىدە ئاچچىق تەملىك ماددا بولمىغان، تېرىپ ئۆستۈرۈلىدىغان سورتنى يېتىشتۈرۈپ چىققان. لېكىن ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسىدا، بەزىدە ئايرىم ئۆسۈملۈك تۈپلىرىدە <نەسلىگە قايتىش ھادىسىسى> كۆرۈلۈپ، ئاچچىق تەرخەمەك ۋە ئاچچىق تەرخەمەك كاۋا چۈشىدىغان تۈپلەر ئۈنۈپ چىقىدۇ، نەتىجىدە ئۇلاردىن چۈشكەنلىرىمۇ ئاچچىق تەرخەمەك ۋە ئاچچىق تەرخەمەك كاۋا بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە