بوشانغان ۋاقىتتا سىنكنىڭ تەسىرى بولامدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
سىنك بولسا ئادەم بەدىنىدىكى ئېنزىملارنى تەشكىل قىلغۇچىلارنىڭ بىرى، ھامىلىدار ئاياللارنىڭ فىزىئولوگىيىلىك ئىقتىدارىنى ساقلاشتا ئوخشاش بولمىغان رولغا ئىگە بولۇپلا قالماي، بوشىنىش جەريانىدا، يەنە سەل قارىغىلى بولمايدىغان رولغا ئىگە. يېقىنقى يىللاردىكى تەتقىقاتلاردا بايقىلىشىچە، سىنك بىرخىل پايدىلىق ئېلېمېنت ئىكەن، ئاياللارنىڭ ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى قاندىكى سىنكنىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەنلىكى ئارقىلىق كېيىنكى بوشىنىش شەكلىگە ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ. بەزى كىشىلەر بىر تۈركۈم ھامىلىدار ئاياللارنىڭ قان تەركىبىدىكى سىنك قويۇقلۇقىنى تەكشۈرگەن ھەم بوشىنىش ئۇسۇلىغا قارىتا سېلىشتۇرۇپ تەتقىقات ئېلىپ بارغان. ئاقىۋەتتە، تەبىئىي بوشانغان تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى قاندىكى سىنكنىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسىنىڭ ئوتتۇرىسى ئەڭ يۇقىرى، تۇغۇت قىسقۇچى ئارقىلىق تۇغقان ئاياللارنىڭ بولسا تۆۋەن، ئوپېراتسىيە ئارقىلىق تۇغقان ئاياللارنىڭ بولسا ئەڭ تۆۋەن چىققان. سىنكنىڭ ئادەم بەدىنىدىكى ئومۇمىي مىقدارى ئۈچ گرامدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ، بوشانغان ۋاقىتتىكى تەسىرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئاساسلىقى بالىياتقۇنىڭ تارىيىشىغا تەسىر يېتىدۇ. سىنك بالىياتقۇ ھۈجەيرىلىرىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئېنزىملارنىڭ پائالىيەتچانلىقىنى كۈچەيتىپ، مۇسكۇل ھۈجەيرىلىرىنىڭ تارىيىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ھامىلە بالىياتقۇدىن چىقىدۇ، شۇڭا ھامىلىدار ئاياللاردا سىنك كام بولسا، بالىياتقۇنىڭ تارىيىش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ، قىيىن تۇغۇت ۋە تۇغۇتتىن كېيىن كۆپ قان كېلىش قاتارلىق ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ