قارا ئاشلىقنىڭ بالىلارنىڭ سالامەتلىكىگە نىسبە تەن قانداق پايدىسى بار؟
نېمە ئۈچۈن
بالىلارنىڭ يېمەك - ئىچمىكىنى تەڭشەشتە مۇۋاپىق مىقداردا قارا ئاشلىق بەرگەندە، ئاق ئاشلىقتا كەم بولغان ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ يېتىشمەسلىكىنى تولۇقلىغىلى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بالىلارنىڭ ئوزۇقلۇقىنىڭ تەڭپۇڭ ھالەتتە، تولۇق بولۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
ئاق ئاشلىقنىڭ ئاساسلىق تەركىبى كراخمال، ئاقسىل، ماي قاتارلىقلار بولۇپ، ۋىتامىنلارنىڭ مىقدارى نىسبەتەن ئاز. چۈنكى ئاشلىقنى پىششىقلاپ ئىشلىگەندىن كېيىن بارغانسېرى يۇمشاپ كېتىدۇ، پىششىقلاپ ئىشلەش جەريانىدا ۋىتامىن، ئانئورگانىك تۇز، مىكرو ئېلېمېنتلار بارغانسېرى يوقاپ، ئوڭايلا ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ يېتىشمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مەسىلەن: ۋىتامىن B1 كەم بولغاندا، پۇت تەرلەش كېسىلى، بالىنىڭ بېشى ئاغرىش، ئۇيقۇسىزلىق قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئېغىر بولغاندا نېرۋا ياللۇغىنى پەيدا قىلىپ، پۈتۈن بەدەن ئىششىپ، سوغۇق تەرلەشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. خىلمۇخىل قارا ئاشلىقنى ماسلاشتۇرۇش ئارقىلىق، بۇ خىل كەملىكنى تولۇقلىغىلى بولىدۇ. مەسىلەن: پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەردە ئاقسىل، ماينىڭ مىقدارى بىر ئاز كۆپ، كۆممىقوناق تەركىبىدە مۇۋاپىق مىقداردا فوسفور، كالتسىي، تۆمۈر، ماگنىي قاتارلىق مىكرو ئېلېمېنتلار، يىرىك پوستىدا ناھايىتى مول ۋىتامىنلار بولىدۇ، بۇغداينىڭ تەركىبىدە مول كالتسىي بار، تېرىقنىڭ تەركىبىدە تۆمۈر ۋە ۋىتامىن B نىسبەتەن يۇقىرى بولىدۇ. نومى گۈرۈچ، كۆممىقوناق، قىزىل پۇرچاق، يېشىل پۇرچاقلارنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبىمۇ مول. ئۇنىڭدىن باشقا، دائىم قارا ئاشلىقنى يەپ بەرسە، بالىلارنىڭ چايناش ئىقتىدارىنى چېنىقتۇرۇپ، سۈت چىشىنىڭ چىقىشىغا ۋە يېتىلىشىگە پايدىلىق.