UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن ئانا تۇغۇتتىن كېيىنكى ئۈچ ئاي ئىچىدە مونوناترىي گلۇتامات (ۋېيجىڭ ) نى كۆپ يېسە بولمايدۇ؟

نېمە ئۈچۈن ئانا تۇغۇتتىن كېيىنكى ئۈچ ئاي ئىچىدە مونوناترىي گلۇتامات (ۋېيجىڭ ) نى كۆپ يېسە بولمايدۇ؟

نېمە ئۈچۈن سىنكنى مۇۋاپىق تولۇقلىمىغاندا سىنكتىن زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. سىنكتىن زەھەرلىنىشنىڭ ئاساسلىق ئىپادىلىرى ۋە زىيىنى: 1. بوۋاقتا قۇسۇش، باش ئاغرىش، ئىچى سۈرۈش، تارتىشىش، قان ئازلىق، قان يېغى مېتابولىزمى قالايمىقانلىشىش ھەم ئىممۇنېتىت ئىقتىدارى تۆۋەنلەش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. 2. سىنكتىن زەھەرلەنگەن بوۋاقنىڭ نېرۋا سىستېمىسى زىيانغا ئۇچرايدۇ. مەسىلەن: نېۋرون ۋە سىپونگىئوست زەخىمگە ئۇچرايدۇ. 3. بەدەندىكى سىنكنىڭ بەك كۆپ بولۇشى تۆمۈر ۋە مىسنىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى تورمۇلاپ، تۆمۈر كەملىك، مىس كەملىك كېسىلى كېلىپ چىقىدۇ. شۇنداقلا بەدەندىكى مىسنىڭ كەمچىللىكى تۆمۈرنىڭ كەملىكىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىپ، ئەڭ ئاخىرى تۆمۈر يېتىشمەسلىك خاراكتېرلىك قان ئازلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھەتتا مېڭە ئىقتىدارى زەخىمگە ئۇچراپ بوۋاقنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشى ئاستا بولۇش ياكى ئەقلىي ئىقتىدارى زىيانغا ئۇچراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. سۇ سەۋەبتىن بالىدا سىنك ئازلىقنىڭ ئىپادىلىرى كۆرۈلسە دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە سىنك تولۇقلاپ داۋالاش، ھەرگىزمۇ خالىغانچە دورا ئېلىپ قارىغۇلارچە ئۇزۇن مەزگىل سىنك تولۇقلىماسلىق كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە