ئاكتىپ ئىممۇنىتېت دېگەن نېمە؟
نېمە ئۈچۈن
بەدەندىكى ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى ئاكتىپ ئىممۇنىتېت ۋە پاسسىپ ئىممۇنىتېت دەپ بۆلۈنىدۇ. ئاكتىپ ئىممۇنىتېت ئانتېگىننىڭ غىدىقلىشى بىلەن بەدەندىكى ئىممۇنىتېت سىستېمىسى ئانتىگېنغا نىسبەتەن ئىنكاس قايتۇرۇپ، مەخسۇس مۇشۇ ئانتىگېنغا قارشى ئانتىتېلا ھاسىل قىلىپ، كېيىن يەنە مۇشۇنداق ئانتىگېنغا ئۇچرىغاندا ئانتىتېلا قاتارلىق ئىممۇنىتېتلىق ماددىلار ئاكتىپ ھالدا بۇ خىل ئانتىگېنغا قارشى تۇرۇپ، بەدەننى زىيانغا ئۇچراشتىن قوغدايدۇ. يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكەن ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىسى ئەملەش دەل ئاكتىپ ئىممۇنىتېتتۇر. بەزى ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىسى ئەملىگەندە ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ بەدەندىكى ئانتىتېلانىڭ رولى بارا - بارا ئاجىزلاپ، قايتا ئەملەشكە ياكى كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ.