قانداق سەۋەبلەر يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىك ]باش ئىچى قاناشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى باش ئىچى قاناش ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك تىپى ۋە زەخىملىنىش تىپى دەپ بۆلۈنىدۇ. ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك تىپى ئوكسىگېن يېتىشمەسلىكتىن قىلدام قان تومۇرلاردىن قان سىرغىپ چىقىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، تۇغۇتتىن ئىلگىرى، تۇغۇتتا ۋە تۇغۇتتىن كېيىنكى ۋاقىتلارنىڭ ھەممىسىدە يۈز بېرىشى مۇمكىن. بالدۇر تۇغۇلغان بوۋاقلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ. بەدەن ئېغىرلىقى قانچە يېنىك بولسا، شۇنچە ئاسان ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك ۋە قان چىقىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. زەخىملىنىش تىپى كۆپرەك تۇغۇت جەريانىدا يۈز بېرىدۇ، ئاي - كۈنى توشقان بوۋاقلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ. بولۇپمۇ ساغرا ئاۋۋال كەلگەن شەكىلدىكى تۇغۇتتا ئەڭ كۆپ، لېكىن ئۆزى تۇغۇلۇش ۋە قورساقنى يېرىپ تۇغدۇرۇش ئوپېراتسىيىسىدىمۇ يۈز بېرىدۇ. چۈنكى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ تۇغۇلۇپ بىر ھەپتە ئىچىدە قان ئۇيۇتۇش ئىقتىدارى تېخى مۇكەممەل ئەمەس، قان چىقىش خاھىشى بار. ئەگەر پەيدا قىلغۇچى سەۋەب بولسا قان چىقىش تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ