UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن چوڭ ھەربىي پاراخوتلارنىڭ شاللىۋېتىلىش ئېھتمالى بار؟

نېمە ئۈچۈن چوڭ ھەربىي پاراخوتلارنىڭ شاللىۋېتىلىش ئېھتمالى بار؟

نېمە ئۈچۈن ھازىرقى زامان دېڭىز ئارمىيىلىرىنىڭ ھەر خىل پاراخوتلىرى ئىچىدە <چوڭ ھەربىي پاراخوت> دېگەن بۇ ئىسىم كەمدىن - كەم تىلغا ئېلىنىدىغان بولىدى، بىراق، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن ئىلگىرى 200 يىل ئىچىدە، چوڭ ھەربىي پاراخوت <دېڭىز زومىگىرى> بولۇپ كەلگەنىدى. ⅡⅤⅩ ئەسىردىلا، يەلكەننى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلغان چوڭ ھەربىي كېمىلەرگە تەخمىنەن 100 دانە زەمبىرەك ئورنىتىلغان بولۇپ، ئوت كۈچى ئىنتايىن كۈچلۈك ئىدى. ⅨⅩئەسىرگە كەلگەندە پولات بىلەن برونېلانغان چوڭ ھەربىي پاراخوتنىڭ تەرەققىياتى يۇقىرى پەللىگە چىقتى: ئۇنىڭ سىقىپ چىقارغان سۇ مىقدارى 60 مىڭ توننىدىن ئېشىپ، دېڭىز - ئوكيانلاردا لەيلەپ يۈرىدىغان پولات قەلئەنىڭ ئۆزى بولدى؛ ئۇنىڭغا ئورنىتىلغان زەمبىرەكلەرنىڭ ئىستوۋۇللىرى بارغانسېرى چوڭىيىپ، بەزى غايەت زور تىپتىكى ھەربىي پاراخوتلارغا ئورنىتىلغان زەمبىرەكنىڭ ئىستوۋۇل دىئامېتىرى 300 مىللىمېتىردىن ئېشىپ كەتتى، دېمەك، بۇ زەمبىرەك ئىستوۋۇلىنىڭ ئېغىزى يۈز دېسىدەك كېلىدۇ، دېگەن گەپ؛ چوڭ ھەربىي پاراخوتلارنىڭ برونېسىمۇ بارغانسېرى قېلىنلاپ، بەزى جايلىرىنىڭ پولات برونېسىنىڭ قېلىنلىقى 400 مىللىمېتىرغا يەتتى. ئەينى چاغدىكى دېڭىز ئارمىيىلىرى چوڭ ھەربىي پاراخوتىنىڭ تونناژى قانچە يۇقىرى، ئوت كۈچى قانچە كۈچلۈك، برونېسى قانچىكى قېلىن بولسا، دېڭىز ئۇرۇشىدا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىيەلەيدۇ، دەپ قارايتتى. كىشىلەر بۇ دەۋرنى <زور پاراخوت، چوڭ زەمبىرەك> دەۋرى دەپ ئاتاشتى. بىراق، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئالدى - كەينىدەم، ئاۋىئاماتكا ئۇتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى، ئۇ ئېلىپ يۈرگەن كۈرەشچى ئايروپىلانلار دېڭىز ئۇرۇشىدا كۈچ - قۇدرىتىنى نامايان قىلىپ، ھاۋا بوشلۇقىدا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى، شۇنىڭ بىلەن چوڭ ھەربىي پاراخوتلارنىڭ ئۇنىڭدىن مۇداپىئە كۆرۈشى تەسكە توختىدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بەزى ئوتتۇرا - كىچىك تىپتىكى پاراخوتلار، بولۇپمۇ سۇ ئاستى پاراخوتلىرى دېڭىز ئۇرۇشىدا ئىنتايىن جانلىق ھەرىكەت قىلىپ، چوڭ ھەربىي پاراخوتلارنى ئارقا - ئارقىدىن ھۇجۇمغا ئۇچراتتى. بۇلارغا سېلىشتۇرغاندا، چوڭ ھەربىي پاراخوتلارنىڭ ئەۋزەللىكلىرى بارغانسېرى ئازىيىپ، ئۇنىڭ كالانپاي بولۇشتەك ئاجىزلىقى دېڭىز ئۇرۇشىدا پۈتۈنلەي ئاشكارا بولدى. شۇڭا، 1944 - يىلدىن كېيىن، چوڭ ھەربىي پاراخوتلارنى ياسايدىغان دۆلەتلەرمۇ قالمىدى.
← بارلىق تېمىلار نەمە