بوۋاقلار فونت قەنت سىيىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالسا قانداق ئوزۇقلاندۇرۇشكېرەك؟
نېمە ئۈچۈن
فونت قەنت سىيىش كېسىلى ئاز ئۇچرايدىغان، ئامىنو كىسلاتاسى مېتابولىزمنىڭ بىنورماللىقى. تۇغما تارماق كېتو كىسلاتاسى فېنىلئېنزىمى كەملىكى كەلتۈرۈپ چىقارغان لېيتىسىن، ئىزولېيتىسىن، ۋالىن ئۈچ خىل تارماق زەنجىر ئامىنو كىسلاتاسى ئوكسىدلانغان كاربوكسىزلاش رولى توسقۇنلۇققا ئۇچرىغانلىقتىن كېلىدۇ. كلىنىكلىق ئالاھىدىلىكى: قان ۋە سۈيدۈك تەركىبىدە كۆپ مىقداردا تارماق ئامىنو كىسلاتاسى ۋە كېتو كىسلاتاسى بولىدۇ، سۈيدۈكتە ئالاھىدە پۇراق بولىدۇ، كۆپىنچىسى تۇغۇلۇپ ئۈچ - تۆت كۈندە قۇسۇش، ئۇيقۇخۇمارلىق، چۆچۈش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. گىرىپتار بولغۇچىدا ئاۋۋال ئەممەسلىك، تاشقى دۇنياغا بولغان ئىنكاس ناچارلىشىش كۆرۈلسە كېيىن ئېغىر بولغان مېڭە ئالامەتلىرى، ئەقلىي ئىقتىدارى تۆۋەنلەش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. تۇغۇلۇپ بىر - ئىككى ھەپتە ئىچىدە مېڭىسى زەخمىگە ئۇچراشتىن ئىلگىرى يېمەك - ئىچمەك ئارقىلىق داۋالاشنى باشلاش ئۇلارنى نورمال يېتىلدۈرىدۇ. يېمەك - ئىچمەك ئارقىلىق داۋالاش پرىنسىپى — تارماق ئامىنو كىسلاتاسى مىقدارى ئەڭ تۆۋەن بولغان بىرىكمە ئامىنو كىسلاتالىق يېمەكلىكلەرنى تاللاپ ئىشلىتىش. ئوزۇقلۇق ناچارلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مۇۋاپىق مىقداردا ئانا سۈتى ھەم سەپلىمە يېمەكلىكلەرنى بىرلەشتۈرۈپ ئوزۇقلاندۇرۇش، قەرەللىك تۈردە قاندىكى ئامىنو كىسلاتاسىنىڭ قويۇقلۇقىنى ئۆلچەپ تۇرۇش لازىم. لېيتىننىڭ مىقدارى لېتىر / مىللىگرام 10 دىن تۆۋەن بولۇشى كېرەك.