UyghurWiki
UyghurWikiنەمەئىسسىق پەسىلدە تۇغقاندا نېمىلەرگە دىققەتقىلىش كېرەك؟

ئىسسىق پەسىلدە تۇغقاندا نېمىلەرگە دىققەتقىلىش كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن يازنىڭ پىژغىرىم ئىسسىقلىرى تۇغۇت مەزگىلىگە ئاز بولمىغان سەلبىي تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. ئاۋۋال، ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ئاساسىي مېتابولىزمى ھامىلىدار ئەمەسلەرنىڭكىگە قارىغاندا 10% يۇقىرىلايدۇ. تېرىدىكى تەر بەزلىرىنىڭ ئاجرىتىلىشى ئەسلىدىكىدىن كۆپىيىدۇ ھەم تاشقى دۇنيادىكى ئىسسىقنىڭ تەسىرى بىلەن تىت - تىت بولۇش، ئىشتىھاسى ياخشى بولماسلىق، تېرە ياللۇغلىنىش، سۇسىزلىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. بالىياتقۇنى ئوپېراتسىيە قىلىش ۋە چاتىراقنىڭ يان تەرىپىنى كەسكەن تۇغۇتلۇق ئاياللارغا نىسبەتەن، كۆزىتىش ۋە قاراشنى كۈچەيتمىسە، ئوپېراتسىيە ئېغىزى يۇقۇملىنىش ھادىسىسى كۆرۈلۈشى مۇمكىن. شۇڭا، پىژغىرىم ئىسسىق مەزگىلىدە تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك. 1. ھامىلىدار ئاياللارنىڭ كىيىمى كەڭ، ئازادە، ئاددىي بولۇش. ئىچ كىيىمنى تاللىغاندا ھاۋا ئۆتۈشىدىغان ياكى نەملىكنى سۈمۈرۈشچانلىقى نىسبەتەن ياخشى بولغان پاختا بۇيۇملارنى تاللاش. 2. پات - پات يۇيۇنۇپ تۇرۇش، پات - پات ئىچ كىيىمنى ئالماشتۇرۇش، تېرىنىڭ پاكىزلىقىنى ساقلاش، بولۇپمۇ ئەمچەك ۋە تاشقى جىنسىي ئەزانىڭ پاكىزلىقىنى ساقلاش. ھەر كۈنى ئىلمان سۇ بىلەن بىر قېتىمدىن ئۈچ قېتىمغىچە يۇيۇپ تۇرۇش. 3. يېمەك - ئىچمەكنى تاللىغاندا سۇيۇق - سەلەڭ يېمەكلىكلەرنى تاللاش، ئاز - ئازدىن كۆپ قېتىم يەپ، سوغۇق ئىچىملىكنى كۆپرەك ئىچىش. ④ تۇرالغۇ ئۆي شامال ئۆتۈشىدىغان بولۇشى، ھاۋا تەڭشىگۈچ ئىشلەتكەندە، تېمپېراتۇرا بەك تۆۋەن بولماسلىق. 5. دەم ئېلىشقا دىققەت قىلىش، يېتەرلىك بولغان ئۇيقۇ ۋاقتىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئەڭ ياخشىسى چۈش ۋاقتى بىر - ئىككى سائەت ئۇخلاش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە
ئىسسىق پەسىلدە تۇغقاندا نېمىلەرگە دىققەتقىلىش كېرەك؟ | UyghurWiki | UyghurWiki