UyghurWiki
UyghurWikiنەمەسۈنئىي ھەمراھ ئالاقىلىشىشى بىلەن ئالەملىك ئالاقىلىشىشىنىڭ قانداق پەرقى بار؟

سۈنئىي ھەمراھ ئالاقىلىشىشى بىلەن ئالەملىك ئالاقىلىشىشىنىڭ قانداق پەرقى بار؟

نېمە ئۈچۈن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئالەمگە ئۇچۇش تېخنىكىسىنىڭ ئۈزۈلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، يەر شارى سۈنئىي ھەمراھى، ئالەم كېمىسى كەينى - كەينىدىن ئالەم بوشلۇقىغا چىقتى. رادىئو ئالاقىسىنىڭ دائىرىسىمۇ ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى، بەزىلەر سۈنئىي ھەمراھ ئالاقىلىشىشى بىلەن ئالەملىك ئالاقىلىشىشنى ئوخشاش دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇلار ئوتتۇرىسىدا پەرق بار. ئالاقىلىشىش سۈنئىي ھەمراھىنى ئارىلىق تۇتاشتۇرغۇچ پونكىت قىلىپ، رادىئو سىگناللىرى ئالماشتۇرۇلىدۇ ۋە تارقىتىلىدۇ، ئىككى ياكى ئىككىدىن ئارتۇق يەر يۈزى پونكىتى ئوتتۇرىسىدا ئالاقىلىشىش ئېلىپ بېرىلىدۇ، بۇ خىل ئالاقىلىشىش شەكلى سۈنئىي ھەمراھ ئالاقىلىشىشى دەپ ئاتىلىدۇ. سۈنئىي ھەمراھ ئالاقىلىشىشى يىراق ئارىلىقتىكى ھەتتا پۈتۈن يەر شارى دائىرىسىدىكى ئالاقىلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۇچۇرنى تېزلىكتە ئوكيانلاردىن ھالقىتىپ تارقىتالايدۇ. سۈنئىي ھەمراھنىڭ ئالاقىلىشىش شەكلىنى <يەر يۈزى - بوشلۇق - يەر يۈزى> دەپ يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ. ئەمما ئالەملىك ئالاقىلىشىش بولسا ئالەم كېمىسى ئارقىلىق ئالاقىلىشىش ئېلىپ بارىدۇ، بولۇپمۇ ئادەم ئۆلتۈرىدىغان ئالەم كېمىسىنىڭ بارلىققا كېلىشى بىلەن <يەر يۈزى - بوشلۇق - يەر يۈزى> شەكلىدىكى ئالاقىلىشىش ئۆزگىرىپ، <يەر يۈزىدىن بوشلۇققا> ، <بوشلۇقتىن يەر يۈزىگە> قارىتا ئېلىپ بېرىلىدىغان ئالاقىلىشىش شەكلى بارلىققا كەلدى. كىشىلەر سۈنئىي ھەمراھ ئالاقىلىشىشى (يەر يۈزى - بوشلۇق - يەر يۈزى)، يەر يۈزى بىلەن ئالەم پونكىتى ( يەنە بوشلۇق پونكىتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىلىشىش (يەنى يەر يۈزى - بوشلۇق)، ئالەم پونكىتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا ئالاقىلىشىش (يەنى بوشلۇق - بوشلۇق)، ئالەم پونكىتى بىلەن يەر يۈزى ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىلىشىش (يەنى بوشلۇق - يەر يۈزى) ۋە ئالەم پونكىتى ئايلاندۇرغان ياكى تارقاتقان رادىئو سىگنالى بىلەن يەر يۈزى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان ئالاقىلىشىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى ئالەملىك ئالاقىلىشىشى دەپ ئاتىدى. ئالەملىك ئالاقىلىشىشتا ئىشلىتىشكە ئەڭ مۇۋاپىق بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بېرى، سۇب مىللىمېتىرلىق دولقۇن، مىللىمېتىرلىق دولقۇن ئىشلىتىلىشكە باشلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە كىشىلەر رادىئو دولقۇنىدىن باشقا يەنە ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنى مەسىلەن، ئىنفرا قىزىل نۇر، ئۇلترا بىنەپشە نۇر قاتارلىقلارنى ئىشلىتىش ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە.
← بارلىق تېمىلار نەمە