نېمە ئۈچۈن تۇخۇمنى يۇيۇپ ساقلاشقا بولمايدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
ئادەتتە بىز يېمەكلىكلەرنى پاكىز يۇغاندىن كېيىن توڭلاتقۇغا سېلىپ ساقلايمىز. ئەمما، تۇخۇمنى يۇغاندىن كېيىن توڭلاتقۇغا سالساڭ ئوڭاي بۇزۇلۇپ قالىدۇ. نېمە ئۈچۈن؟
سىرتىدىن قارىغاند، تۇخۇمنىڭ بىر قەۋەت ھاۋا ئۆتۈشمەيدىغان شاكىلى باردەك كۆرۈنىدۇ. ئەمما، ئۇنى لوپا ئەينەك بىلەن تەپسىلىي كۆزەتسەك، شاكالنىڭ تۆشۈكچىلەر بىلەن تولغانلىقىنى بايقايمىز. تۇخۇم مۇشۇ تۆشۈكچىلەر ئارقىلىق نەپەس ئېلىپ، كاربون (Ⅳ)- ئوكسىدى چىقىرىدۇ. ئەلۋەتتە، ئەگەر باكتېرىيە تۆشۈكچىلەر ئارقىلىق تۇخۇمنىڭ ئىچىگە كىرسىمۇ تۇخۇم ئوڭاي بۇزۇلىدۇ. ئەمدىلا تۇغۇلغان تۇخۇمنىڭ يۈزىدە بىر قەۋەت شىلىمسىمان ماددا بولۇپ، تۇخۇمنىڭ شاكىلىدىكى تۆشۈكچىلىرىنى ئېتۋېتىدۇ. ئۇ خۇددى تەبىئىي توسۇقتەك سىرتتىكى باكتېرىيىنىڭ كىرىشىنى توسۇدۇ. بۇ شىلىمسىمان ماددا باكتېرىيىنى توسۇيالىغان بىلەن سۇدىن بەك قورقىدۇ.تۇخۇمنى يۇغاندا، شىلىمسىمان ماددا تۇخۇم شاكىلىدىن ئايرىلىپ سۇغا چىقىپ كېتىدۇ. تەبىئىي قوغداش پەردىسىدىن ئايرىلغان تۇخۇم تېخىمۇ ئاسان مىكروبنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ئوڭاي بۇزۇلىدۇ.
تۇخۇمنى ئۇزۇن ساقلاش ئۈچۈن توخۇ فېرمىسىدىكى خىزمەتچىلەر ئۇلارغا سۈنئىي قوغداش پەردىسى <كىيدۈرۈپ قويىدۇ>. ئۇلار تۇخۇمنى <سۇ ئەينەك> دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل خىمىيىلىك ماددىغا چىلايدۇ، بۇ بىر خىل شىلىمسىمان سۇيۇقلۇق بولۇپ، تۇخۇم شاكىلىدىكى تۆشۈكچىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئېتىۋېتىدۇ. مۇشۇ ئۇسۇلدا ساقلانغان تۇخۇم نەچچە ئايغىچە بۇزۇلمايدۇ.