نېمە ئۈچۈن بوۋاقلارنىڭ شۆلگىيى ئاقىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
ئون بوۋاقتا ئون ئېقىم< دېگەن تەمسىلدەك، شۆلگەي ئېقىش نورمال فىزىئولوگىيىلىك ئەھۋال. شۆلگەي ئادەمنىڭ ئېغىز بوشلۇقىدىكى شۆلگەي بەزلىرى ئاجرىتىپ چىقارغان بىر سۇيۇقلۇق، تەركىبىدە مول بولغان ھەزىم قىلىش ئېنىزمى بولۇپ، يېمەكلىكنىڭ ھەزىم بولۇشىنى ئىگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم ماددا. ئۈچ ئايلىقتىن كىچىك بوۋاقلارنىڭ مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسى تېخى تولۇق يېتىلىپ بولالمىغانلىقتىن، شۆلگەي بېزى تەرەققىي قىلمىغان، ئاجرىتىپ چىقىرىدىغان شۆلگەي ئازراق، شۇنداقلا بۇ ۋاقىتتا بوۋاقنىڭ ئاساسلىق يېمەكلىكى سۈت بولۇپ، شۆلگەي بېزىنى بەك غىدىقلىيالمايدۇ. شۇڭا ئىنتايىن ئاز شۆلگەي ئاقىدۇ. بوۋاق ئۈچ - تۆت ئايلىق بولغاندا، ئۇلارنىڭ مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسى ۋە شۆلگەي بېزى تولۇق يېتىلىشكە يۈزلەنگەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە قوشۇپ بېرىلىۋاتقان قوشۇمچە يېمەكلىكلەر تەركىبىدە كراخمال قاتارلىق ئوزۇقلۇق تەركىبلەر بولۇپ، شۆلگەي بېزى غىدىقلاشقا ئۇچرىغاندىن كېيىن، شۆلگەينىڭ ئاجرىلىشىمۇ كۆرۈنەرلىك كۆپىيىدۇ. ھەمدە تۆت ~ ئالتە ئايلىقتا، بوۋاققا ئادەتتە سۈت چىشى چىقىشقا باشلايدۇ، چىش مىلىكى توقۇلمىلىرى يېنىك دەرىجىدە ئىششىپ، چىش مىلىكى نېرۋىسىنى غىدىقلاشتىنمۇ شۆلگەي ئاجرىلىشى كۆپىيىدۇ. لېكىن بۇ ۋاقىتتا بوۋاقنىڭ يۈتۈش ئىقتىدارى تېخى مۇكەممەل يېتىلمىگەنلىكتىن، ئاجرىلىپ چىققان شۆلگەي سۇيۇقلۇقىنى يۇتۇشقا ئۈلگۈرمەي ئېغىز سىرتىغا ئېقىپ چىقىپ شۆلگەينى شەكىللەندۈرىدۇ. شۇڭا، بوۋاقلارنىڭ شۆلگىيى ئېقىشى بىر خىل نورمال ئەھۋال، پەقەت تازىلىقنى ساقلىسلا بولىدۇ. ئەمما ئەگەر شۆلگەينىڭ كۆپىيىشىنى ئېغىز بوشلۇقى ياللۇغى، ئېغىز بوشلۇقى يارىسى قاتارلىق كېسەللىكلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا، ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرۈپ داۋالىتىش كېرەك.