بوۋاقلارغا سىنك قانداق تولۇقلىنىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
بوۋاقلارغا ئاساسلىقى تۆۋەندىكى ئۇسۇللار ئارقىلىق سىنك تولۇقلىنىدۇ:
1. ئانا سۈتى ۋە كالا سۈتى. لېكىن كۆرسىتىپ بېرىشكە تېگىشلىكى ئانا سۈتىدىكى سىنك تەركىبىنىڭ مىقدارى بىر لىتىردا 20 مىللىگرام ھەمدە سىنك كىچىك مولىكۇلىلىق ئاقسىل بىرىككەن ھالەتتە بولغانلىقتىن ئاسان سۈمۈرۈلىدۇ؛ لېكىن كالا سۈتىدىكى سىنك مىقدارى تۆۋەنرەك بولۇپلا قالماستىن يەنە چوڭ مولېكۇلىلىق ئاقسىل بىلەن بىرىككەنلىكتىن ئاسان سۈمۈرۈلمەيدۇ. شۇڭا كالا سۈتى بىلەن بېقىلغان بوۋاقلارغا سىنك تولۇقلاشقا ئانا سۈتى بىلەن بېقىلغان بوۋاقلارغا قارىغاندا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
2. سىنك مىقدارى مول بولغان قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى قوشۇپ بېرىش. ھايۋانات خاراكتېرلىك يېمەكلىكلەر مەسىلەن: جىگەر، بېلىق، ئورۇق گۆش قاتارلىقلاردا سىنك مىقدارى كۆپرەك بولغانلىقتىن بوۋاقلارنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا مۇۋاپىق.
3. تەڭشەپ ياسالغان سىنك تولۇقلىغۇچىلار. ھازىرچە بازاردا تەڭشەپ ياسالغان سىنك تولۇقلىغۇچىلاردىن ئاساسلىقى سىنك گىلىكونات، سىنك سۇلفات، سىنك ئاتسېتات قاتارلىقلار بار. سىنك تولۇقلاشنىڭ ھەرخىل ئۇسۇللىرىدا ئانا سۈتى بىلەن بېقىشنى تەشەببۇس قىلىش بىلەن بىللە بىر ئاز ياخشىراق ئۇسۇللىرىدىن يەنە تەركىبىدە سىنك مىقدارى كۆپرەك بولغان قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى قوشۇپ بېرىش، يېمەكلىك تەركىبىدىكى سىنك مىقدارى ئازراق بولسا، يېمەكلىك ئارقىلىق سىنك تولۇقلاش جەريانىدا ئەكس تەسىر بېرىش ئىنتايىن ئاز كۆرۈلگەچكە نىسبەتەن بىخەتەر. ئەگەر سىنكنى مۇۋاپىق تولۇقلىمىغاندا سىنكتىن زەھەرلىنىش كېلىپ چىقىدۇ. شۇ سەۋەبتىن دورا ماتېرىياللىرى بىلەن سىنك تولۇقلاشتا، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى ۋە مۇھاپىزىتى ئاستىدا ئېلىپ بېرىش. ئۇنىڭدىن سىرت، سىنك تولۇقلاشتا بەلگىلىك داۋالاش باسقۇچى ئارقىلىق ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.