يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى تۆۋەن قان شېكىرى كېسىلىنىڭ قانداق ئىپادىلىرى بار؟
نېمە ئۈچۈن
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى تۆۋەن قان شېكىرى كېسىلى مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىنى قايتماس زەخىملەندۈرۈشتىن ئوخشىمىغان دەرىجىدىكى كېسەل ئاسارىتىنى قالدۇرىدۇ. شۇڭا چوقۇم قاتتىق دىققەت قىلىش كېرەك. ھازىر يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى تۆۋەن قان شېكىرى كېسىلىنىڭ دىئاگنوز ئۆلچىمىنى قان شېكىرى مىقدارى 40 لىتىردىن / مىللىگرام تۆۋەن دەپ ھېسابلايدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى تۆۋەن قان شېكىرى كېسىلىنىڭ ھېچقانداق ئىپادىسى بولمايدۇ ياكى خاس بولمىغان بەزى ئىپادىلەر كۆرۈلىدۇ. مەسىلەن: ئەمگىلى ئۇنىماسلىق، ئىنكاسى ناچار، ئۇيقۇخۇمارلىق، تۇتقاقلىق خاراكتېرىدىكى كۆكىرىش، تاتىرىش، كۆپ تەرلەش، نەپەسلىنىشى ۋاقىتلىق توختاش، دۆلىنىش قاتارلىقلار. تۆۋەندىكى ئامىللار مەۋجۇت بولغان يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردا ئاسانلا تۆۋەن قان شېكىرى كېسىلى كۆرۈلىدۇ:
1. ئانىدا دىئابېت كېسىلى، ھامىلىدارلىق يۇقىرى قان بېسىمى يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى بولسا ياكى بالا ھەمراھى بالدۇر چۈشۈپ كېتىش، بالا ھەمراھى ئالدىغا ئورۇنلىشىش قاتارلىقلار كۆرۈلسە؛
2. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقتا بالدۇر تۇغۇلغان بوۋاق ياكى تۇنجۇقۇش تارىخى مەۋجۇت بولغان قاتارلىقلار بولسا؛
3. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردا نەپەس قىستاش يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى، يۇقۇملۇق كېسەللەر، ئېغىر دەرىجىدىكى قان ئېرىش كېسىلى ياكى بەدەن تېمپېراتۇرىسى بەك تۆۋەن، سۈت بىلەن ئېغىزلانغان ۋاقتى بەك كېچىككەن، ئېمىش (سۈت) مىقدارى يېتىشمەسلىك قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلگەنلەر. شۇڭا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار (بولۇپمۇ تۆۋەن قان شېكىرى بولۇش ئېھتىماللىقى بار يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار) نىڭ ئىنكاسىنى، نەپەسلىنىشتە ۋاقىتلىق توختاش، تۇتقاقلىق خاراكتېرىدىكى كۆكىرىش بارمۇ - يوق قاتارلىقلارنى كۆزىتىشكە دىققەت قىلىش، شۇنداقلا ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ قان شېكىرىدىكى ئۆزگىرىشىنى ئۆلچەش كېرەك.