UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن قارا قۇتا ئايروپىلان ۋەقەسىنىى تەكشۈرۈشنىڭ مۇھىم يىپ ئۇچى بولىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن قارا قۇتا ئايروپىلان ۋەقەسىنىى تەكشۈرۈشنىڭ مۇھىم يىپ ئۇچى بولىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن ئايروپىلان چۈشۈپ كەتكەندە ئالاقىدار ئورۇنلار كۆپلىگەن قۇتقۇزۇش خادىملىرىنى ئەۋەتىپ نەق مەيداندا قارا قۇتا ئىزدەيدۇ. بۇ ئايروپىلان ۋەقەسىنىڭ سەۋەبىنى بىلىشكە پايدىلىق. ئۇنداقتا قارا قۇتا زادى قانداق نەرسە؟ ئادەتتە ئايروپىلاندا ئىككى قارا قۇتا بولىدۇ. ئۇنىڭ بىرى، سىمسىز تېلېفون خاتىرىلىگۈچ بولۇپ، ئۇچقۇچىنىڭ يەردىكىلەر بىلەن سۆزلەشكەن سۆزلىرى، ئايروپىلان باشلىقى بىلەن ئايروپىلان خىزمەتچىسىنىڭ يولۇچىلارغا سۆزلىگەن سۆزى شۇنىڭدەك پارتلاش، ئوق ئاۋازى ۋە ئېلىشىش قاتارلىق غەيرىي ئاۋازلارنى خاتىرىلەيدۇ. بۇ ئاۋاز ئالغۇچ پەقەت يېرىم سائەتلىك ئاۋازنىلا خاتىرىلىيەلەيدۇ، يېرىم سائەتتىن كېيىن ئالدىدىكى ئاۋازنى ئۆچۈرۈۋېتىپ يېڭىۋاشتىن خاتىرىلەيدۇ. شۇڭا، ئاۋاز ئالغۇچتا ۋەقە يۈز بېرىشتىن بۇرۇنقى يېرىم سائەتلىك ئاۋاز خاتىرىلىنىدۇ، ئۇ ئايروپىلان ۋەقەسىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبىنى تەكشۈرۈشكە ياردەم بېرىدۇ. يەنە بىر قارا قۇتا سان خاتىرىلىگۈچ بولۇپ، ئۇنىڭ خاتىرىلەش ۋاقتى 25 سائەت، ئايروپىلاننىڭ سۈرئىتى، ئېگىزلىك ئۆزگىرىشى، ئۇچۇش سچوتچىكىنىڭ نورمال ياكى نورمال ئەمەسلىكى، يېقىلغۇنىڭ يېتەرلىك ياكى يېتەرلىك ئەمەسلىكى، شۇنىڭدەك ئۇچقۇچىنىڭ ئايروپىلان مەشغۇلاتى قاتارلىق سانلارنى خاتىرىلەيدۇ. ئايروپىلان ھادىسىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن، بۇ خاتىرىلىگۈچتىكى سانلار مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ھادىسىنىڭ خاراكتېرىنى تەھلىل قىلىشىدىكى بىرىنچى قول تېخنىكىلىق ماتېرىيالى بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە، قارا قۇتىنىڭ رەڭگى قارا ئەمەس، ئاپېلىسىن رەڭگىدە بولىدۇ. بۇ قۇتا ناھايىتى مەزمۇت بولۇپ، يۇقىرى ھارەرەت، ئېغىر بېسىمغا بەرداشلىق بېرەلەيدۇ، سۇ كىرىپ كەتمەيدۇ، ماگنىتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ. ئادەتتە ئاپروپىلاننىڭ قۇيۇرق قىسمىدىكى ئەڭ بىخەتەر بۆلمىگە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. شۇڭا ئايروپىلان ھادىسىگە ئۇچرىغان تەقدىردىمۇ، بۇ قۇتا خېلى بېجىرىم ساقلىنىپ قالىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە