بالا ئىمىتىۋاتقان ئاياللار ئەگەر ھاراقئىچسە قانداق قىلىش كېرەك؟
نېمە ئۈچۈن
ئەگەر ئانا ئاندا - ساندا ھاراق ئىچىپ قالسا، بۇ ۋاقىتتا ئېمكانقەدەر بالىنى ئېمىتمەسلىك كېرەك، ھاراق ئىچىپ ئىككى سائەتتىن كېيىن بالىنى ئېمىتسە بولىدۇ. ئەگەر ھاراق ئىچكەندىن كېيىنكى ۋاقىت ئىككى سائەتكە يەتمەستە بالىنى ئېمىتسە، بالا ئۆزى ياقتۇرمايدىغان تەمى بار سۈتنى ئېمىپ، بالىدىمۇ <مەست> بولۇش سەزگۈسى پەيدا بولۇپ، ئۇخلاش ۋاقتىمۇ قىسقا بولىدۇ ھەم پات - پات ئويغىنىپ كېتىدۇ. شۇنداقلا بۇ ئىككى سائەت ئىچىدە ئاجرىتىلغان سۈتنىڭ تەركىبىدىكى ئسىپىرت بىلەن ئەمچەك تولغان بولسا بۇ خىل سۈتتىن ۋاز كېچىش كېرەك دەپ ئەنسىرىمەڭ. چۈنكى سۈتنىڭ تەركىبىدىكى ئىسپىرتنىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسى بىلەن ئانىنىڭ قان سۇيۇقلۇقىدىكى ئىسپىرتنىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسى ئوخشاش بولىدۇ، شۇڭا بۇ چاغدىكى سۈتنى چىقىرىۋېتىشنىڭ ھاجىتى يوق. پەقەت قان سۇيۇقلۇقىدىكى ئىسپىرت ماددا ئالماشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، سۈتنىڭ تەركىبىدىكى ئىسپىرتمۇ ئازلىغاندىن كېيىن بالىنى ئېمىتسە بولىدۇ.