UyghurWiki›نەمە›ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنى ئىچىشنى توختاتـقاندىن كېيىن قانچىلىك ۋاقىتتا ھامىلىدار بولسا بىر ئاز مۇۋاپىق بولىدۇ؟
ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنى ئىچىشنى توختاتـقاندىن كېيىن قانچىلىك ۋاقىتتا ھامىلىدار بولسا بىر ئاز مۇۋاپىق بولىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنى ئىچكىلى ئالتە ئاي بولغان ئاياللار دورىنى توختىتىپ بىرىنچى ئايدىكى ھەيز مەزگىلدە تۇخۇم چىقىرىش ئىقتىدارى ئەسلىگە كېلىشكە باشلايدۇ. يەنە بەزىلىرىنىڭ بەدىنىدىكى ھورمون سۈپىتى ئىلگىرىكى نورمال ۋاقتىدىكىدىن يۇقىرى بولغان. شۇڭا دائىم ئوڭايلا ھامىلىدار بولۇپ قالىدۇ. ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنى ئىشلەتكىلى بىر يىلدىن كۆپ بولغان ئاياللار دورىنى توختىتىپ تەخمىنەن بىر - ئىككى ئاي بولغاندا تۇخۇم چىقىرىشقا باشلايدۇ. ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنى ئىچكەن ئەرلەر ۋاقىتنىڭ قانچىلىك ئۇزۇن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، دورىنى توختىتىپ ئۈچ ئايدىن كېيىن ئىسپېرمىسى نورمال ھالەتتە ئەسلىگە كېلىشكە باشلايدۇ. بىراق، ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنى توختىتىپ، قانچىلىق ۋاقىت بولغاندىن كېيىن ھامىلىدار بولسا مۇۋاپىق بولىدۇ؟ تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا، دورىنى توختىتىپ دەرھال ھامىلىدار بولغاندا، قوشكېزەك بولۇش نىسبىتى بىر ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن.
يېقىندا، ئەنگلىيە 5500 نەپەر ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنى ئىچكەن ئاياللارنى تەكشۈرگەندە، بۇ دورىنى ئىچكەندە كېيىنكى ئەۋلادقا تەسىرى بولمىغانلىقى بايقالغان. ھامىلىنىڭ غەلىتە بولۇش نىسبىتى، بويىدىن ئاجراش نىسبىتىدىكى پەرق چوڭ بولمىغان. بەزى ئالىملار لىمفا ھۈجەيرىلىرىنى يېتىشتۈرۈشتىن ئىبارەت ئالاھىدە ئۇسۇل ئارقىلىق تەتقىقات ئېلىپ بارغاندا، ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنىڭ ئىرسىي كېسەللىكىنى پەيدا قىلمايدىغانلىقىنى بايقىغان. شۇڭا، دورىنى توختاتقان ۋاقىتتىن باشلاپ قايتا ھامىلىدار بولغان ۋاقىتنىڭ ئۇزۇن - قىسقا بولۇشى بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق. دورىنى توختاتقاندىن كېيىن گەرچە ناھايىتى تېز ھامىلىدار بولمىغان تەقدىردىمۇ، تۇخۇم چىقىرىش ئىقتىدارى ئادەتتە بەش ھەپتە ئەتراپىدا ئاللىقاچان ئەسلىگە كېلىپ بولىدۇ. بىراق، ئۇ ۋاقىتتا ئۇزۇن مۇددەت دورا ئىشلىتىش ئارقىلىق يېتىلگەن ھامىلىگە بولغان ئۇزۇن مەزگىللىك تەسىرىگە نىسبەتەن يەنە تېخى تولۇق ئىشەنچ بولمىدى. شۇڭا يەنىلا ئېھتىيات قىلىش زۆرۈردۇر. نۇرغۇنلىغان كىشىلەر دورىنى توختىتىپ يېرىم يىلدىن كېيىن ھامىلىدار بولۇشنى تەشەببۇس قىلىۋاتىدۇ. بۇنداق قىلغاندا، ئانا بەدىنى يېتەرلىك ۋاقىت ئىچىدە ھورمونلارنىڭ كاشىلىسىنى يوقىتىپ، فىزىئولوگىيىلىك ئىقتىدارىنى تېز ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ.