بوۋاقلىق مەزگىلىدە ئاقسىل تولۇق بولماسلىقىنىڭ ئالدىنى قانداق ئېلىش كېرەك؟
نېمە ئۈچۈن
بوۋاقلارنىڭ ئېھتىياجلىق بولىدىغان ئاقسىلى چوڭلارنىڭكىدىن كۆپرەك بولىدۇ. چۈنكى ئۇلار يوقاپ كەتكەن ئاقسىللارنى تولۇقلاشقا ئېھتىياجلىق بولۇپلا قالماي، ئەكىسچە يەنە ئاقسىلنىڭ كۆپىنچىسى ۋە يېڭى توقۇلمىلارنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشىگە ئېھتىياجلىق. ئانا سۈتى بىلەن بېقىلغان بوۋاقلار ھەربىر كىلوگرام بەدەن ئېغىرلىقىغا بىر كۈندە 0.2 گرام (010 مىللىلىتىر ئانا سۈتىدە 2.1 گرام ئاقسىل بولىدۇ) ئاقسىلغا موھتاج بولىدۇ. كالا سۈتى بىلەن بېقىلغانلار بولسا 5.3 گرام (100 مىللىلىتىر كالا سۈتىدە 5.3 گرام ئاقسىل بولىدۇ) ئاقىسلغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ. باشقا سۈتكە ۋەكىللىك قىلىدىغان يېمەكلىكلەر ياكى ئۆسۈملۈكتە ئاقسىل بىر ئاز تۆۋەن بولۇپ، ئېھتىياجلىق بولغان ئاقسىل بىر ئاز يۇقىرى. ھەر كۈنى ھەربىر كىلوگرام بەدەن ئېغىرلىقىغا تۆت گرام ئاقسىل توغرا كېلىدۇ. ھايۋانات ئاقسىلنىڭ تەركىبىدە ئامىنو كىسلاتاسى ئۆسۈملۈك ئاقسىلنىڭكىدىن يۇقىرى. شۇڭا ھايۋانات ئاقسىلىنى ئالدىن تاللاش كېرەك. گۈرۈچ، بۇغداي قاتارلىق ئۆسۈملۈك ئاقسىلىدا ئامىنو كىسلاتاسى كەمچىل. پۇرچاق تۈرىدىكىلەردە بولسا مېتىئونىن ۋە سىيتىن كەمچىل. شۇڭا، ھايۋانات ئاقسىلى بىلەن تەمىنلەش يېتەرلىك بولمىسا، خىلمۇخىل ئۆسۈملۈك ئاقسىلىنى مۇۋاپىق ئارىلاشتۇرۇپ بېرىش. بوۋاقنىڭ يېمەك - ئىچمەك تۈرىگە ئاساسەن، ھەر كۈنىدىكى ئاقسىل بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىپ، ئاقسىلنىڭ يېتىشمەسلىكى ياكى زىيادە كۆپ بولۇپ كېتىشىدىن ساقلىنىپ، ئاقسىل بىلەن تەمىنلەش مۇۋاپىق بولماسلىق سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان ئەقلىي قابىلىيەتنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان خەۋپنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك