UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن بالىلارغا رەسىمنىڭ كام يەرلىرىنى سىزىشنى ئۆگىتىشنىڭ ئارتۇقچىلىقى كۆپ دەيمىز؟

نېمە ئۈچۈن بالىلارغا رەسىمنىڭ كام يەرلىرىنى سىزىشنى ئۆگىتىشنىڭ ئارتۇقچىلىقى كۆپ دەيمىز؟

نېمە ئۈچۈن بالىلار ئىككى ياشقا كىرگەن ۋاقىتتا بۇرۇنقى قالايمىقان رەسىم سىزىش ئاساسىدا رەسىمنىڭ كام يەرلىرىنى سىزىشنى ئۆگىنىشكە باشلايدۇ. رەسىمنىڭ كام يەرلىرىنى سىزىشنى ئۆگىنىش دېگىنىمىز — بىر پارچە مۇكەممەل، تولۇق بولمىغان رەسىم قىلىپ، بالىلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ تەپەككۇرى، خىيالى بويىچە تولۇقلاپ، مۇكەممەل، تولۇق بولغان رەسىمنى سىزىشنى كۆرسىتىدۇ. بالىلارنىڭ بۇنداق رەسىم سىزىشنى ئۆگىنىشنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئارتۇقچىلىقى بار: 1. بالىلارنىڭ كۆزىتىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ، بالىلار بۇ خىل رەسىمنى سىزىشتىن ئاۋۋال، چوقۇم ئەسلىدىكى رەسىمنىڭ مەزمۇنىغا نىسبەتەن ئەستايىدىل كۆزىتىپ ۋە تەھلىل قىلىپ، رەسىمنىڭ <كام قالغان> ياكى <تولۇق بولمىغان> يەرلىرىنى بايقاپ، ئەسلىدىكى رەسىم ئاساسىدا تولۇقلاپ سىزىدۇ. ئىككى ياشتىن ئۈچ ياشقىچە بولغان بالىلارغا نىسبەتەن دەسلەپتە تەس كېلىشى مۇمكىن، بۇ ۋاقىتتا ئاتا - ئانىلار يان تەرەپتە تۇرۇپ ياردەم بەرسە ياكى كۆرسەتمە بەرسە بولىدۇ. 2. بالىلارنىڭ تەسەۋۋۇر قىلىش كۈچىنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ. ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىش، تەپەككۇر قىلىش جەريانىدا بالىلار ئۆزلىرىنىڭ تەسەۋۋۇر قىلىش كۈچىنى قانات يايدۇرۇشقا مەجبۇر بولىدۇ - دە، كاللىسىدا بىر پۈتۈن رەسىم شەكىللىنىدۇ. 3. بالىلارنىڭ تارقاقلاشتۇرۇش خاراكتېرىدىكى تەپەككۇرنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ. چوڭلار قەغەزگە بىر چەمبىرەك سىزىپ بەرسە، بالىلار ئۇنىڭدىن خىلمۇخىل رەسىملەرنى سىزىشى ياكى ئۇنى قۇياش، ئاپېلسىن، ئالما، گۈل دەپ تەسەۋۋۇر قىلىپ سىزىشىمۇ مۇمكىن. ئۇنىڭدىن باشقا، بالىلار بىر رەسىمنى تولۇق سىزىپ بولغاندىن كېيىن نەتىجە قازىنىش ھېسسىياتىدا بولىدۇ، بۇ بالىنىڭ رەسىمىگە بولغان كۈچلۈك ئىشتىياقىنى قوزغايدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە