UyghurWiki
UyghurWikiنەمەتانكىغا قارشى مىنا قانداق قىلىپ تانكىنى پاچاقلاپ تاشلىيالايدۇ؟

تانكىغا قارشى مىنا قانداق قىلىپ تانكىنى پاچاقلاپ تاشلىيالايدۇ؟

نېمە ئۈچۈن تانكىغا قارشى مىنا دېگەن بۇ نامدىنلا، ئۇنىڭ مەخسۇس تانكىغا تاقابىل تۇرىدىغان بىر خىل مىنا ئىكەنلىكى بىلىنىپ تۇرىدۇ. بىر نەچچە كىلوگىراملائېغىرلىقتىكى تانكىغا قارشى مىنانىڭ نەچچە ئون توننا كېلىدىغان تانكىنى بويسۇندۇرۇشى ئۈچۈن، تانكىنىڭ ئەڭ ئاجىز ھالقىسىغا ھۇجۇم قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ، ئەلۋەتتە. زەنجىر تاپاننىڭ تانكىنىڭ پۇتى ئىكەنلكى ھەممىمىزگە مەلۇم. زەنجىر تاپان بولغاچقىلا تانكا يەر شەكلىنىڭ قانداق بولۇشىغا قارىماي تېز سۈرئەتتە بىمالال ماڭالايدۇ. ئەگەر تانكىنىڭ زەنجىر تاپىنىنى بۇزۇۋەتسە، تانكا پالەچ ھالغا چۈشۈپ، بىر دۆۋە كېرەكسىز تۆمۈرگە ئايلىنىپ قالىدۇ. شۇڭا زەنجىر تاپانغا قارشى مىنا ئەڭ بۇرۇن مەيدانغا چىققان بىر خىل تانكىغا قارشى مىنا بولۇپ قالغان. زەنجىر تاپانغا قارشى مىنا ئادەم، ئات - ئۇلاغلار دەسسەپ سالسا پارتىلىمايدۇ، پەقەت تانىكىنىڭكىدەك ئېغىرلىق باسقاندىلا ئاندىن پارتىلاپ، تانكىنىڭ زەنجىر تاپىنىنى ئۈزۈپ، تانكىنىڭ ئېغىرلىق چۈشىدىغان چاقىنى پاچاقلاپ تاشلايدۇ. كېيىن قورال - ياراغ مۇتەخەسسىسلىرى يەنە تانكا ئاستىدىن زەربە بېرىدىغان بىر خىل مىنانى كەشىپ قىلدى، يەنى تانكا مىنانىڭ ئۈستىدىن ئۆتكەندە، مىنانى دەسسىسىمۇ، مىنا ئوخشاشلا پارتلايتتى. بىراق بۇ خىل مىنا تانكىنىڭ زەنجىر تاپىنىغا زەربە بەرمەي، بەلكى بىر خىل ئېنېرگىيە يىغىش تېخنىكىسى ئارقىلىق يۇقىرى سۈرئەت، يۇقىرى تېمپېراتۇرا، يۇقىرى بېسىملىق مىتال ئېقىمى ھاسىل قىلىپ، توختاۋسىز ئېتىلغان ئوققا ئوخشاش تانكا ئاستىدىكى برونېنى تېشىپ ئۆتۈپ، تانكىچىلارنى زەخىملەندۈرۈپ ياكى ئۆلتۈرۈپ، تانكىنىڭ ئىچىدىكى ئۈسكۈنىلىرىنى بۇزۇپ تاشلايتتى. ھازىر تانكىغا قارشى مىنالار تېخىمۇ ئىلغارلىشىپ كەتتى. مەسىلەن، يان برونېغا قارشى مىنالار تانكا ئۆتىدىغان يولنىڭ يېنىغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئىنفرا قىزىل نۇر، لازېر نۇرى قۇرۇلمىلىرى ئارقىلىق تانكىنى بايقايدۇ ھەم ئاپتوماتىك ھالدا نىشانغا قاراپ <ئېتىلىپ>، تانكىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى برونېسى ۋە چوقچىيىپ تۇرغان زەمبىرەك مۇنارىسىنى تېشىۋېتىدۇ. ئاكتىپ زەربە بېرەلەيدىغان بۇنداق يېڭى تىپتىكى تانكىغا قارشى مىنا تانكىغا <دەرەخ تۈۋىدە ئولتۇرۇپ، توشقاننىڭ كېلىشىنى كۈتۈش> شەكلىدە زەربە بېرىدىغان ئۇسۇلنى زور دەرىجىدە ئۆزگەرتىۋەتتى.
← بارلىق تېمىلار نەمە